يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئېسىل ناخشا - بىزنىڭ غايىمىز
  • دۇنيا خەلقىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەن «كەيت خانىش كۈلكىسى»
  • TV بازاردىن سوۋغا - «ئانار پىشتى» 1-بۆلۈم 12-قىسىم
  • قىماردىن يىراق تۇرايلى - قانۇن ۋە پۇقرا
  • 80 ياشلىق ئەر-ئايال «قۇياش ئەۋلادى» فىلىمىنى دوراپ توي سۈرەتكە چۈشتى
  • «ئىت تالىۋەتكەن» يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى بارغانسېرى مودا بولۇشقا باشلىدى
  • «تۈندىكى رىۋايەت 5» قايتىپ كەلدى! قان شورىغۇچى ئالۋاستى تەنناز ئايال يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى
  • دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كۈلدۈرگە چولپىنى چارلىز سىيپىنس چاپلىن
  • تونۇلغان سەنئەتكار، تالانتلىق ناخشىچى - ئابدۇرېھىم ئەخمىدى
  • كورىيەلىك ئارتىس سوڭ جوڭجى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئوبرازى ۋەكىلى بولدى
  • رۇسىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ داڭلىق مودېللىرى
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى كۆرۈمسىز ئاتىلارنىڭ چىرايلىق قىزلىرى
  • كىچىك بالا چولپان ئەرفاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى
  • ئەرەب ناخشا شاھى ئامىر دىيابنىڭ تەرجىمىھالى
  • شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم «KANK» دىكى ئوغلىنىڭ ئەمەلىيەتتە قىز بالا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    «ئېزىتقۇ پەرىشتە» دە رول ئالغان ئارتىسلارنىڭ تەرجىمىھالى

    مەنبە :baike.baidu.com       يوللىغۇچى : kelly       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-02

    كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئىزىتقۇ <پەرىشتە>» داڭلىق ئۆچ ئېلىش تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خوتۇن ۋەسۋەسىسى» ئەكسىسى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى «خوتۇن ۋەسۋەسىسى»نىڭ سېنارىستى جىن شۈنيۈ يازغان، «خوتۇن ۋەسۋەسىسى» دە ئايالى ئىلگىرىكى يولدىشىدىن ئۆچ ئالغان بولسا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا يولدىشى ئىلگىرى ئايالىدىن ئۆچ ئېلىشقا ئۆزگەرگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ كورىيەدە قويۇلغان. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ دەسلەپكى قىسملىرىدا نۇرغۇن كارىۋات كۆرۈنۈشلىرى، ئوچۇق پاراڭلار ۋە ئاشنا ئويناش كۆرۈنۈشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.

    پېي شيۇبىن

    1976-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان. 2001-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن، كېيىن جۇڭگولۇق رېژىسسور ۋاڭ جياۋېينىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئۆگەنگەن. 2002-يىلى جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئەستا ساقلاشنىڭ ئىسپاتى» دا باش رول ئالغان. 2006-يىلى ۋە 2008-يىلى ئىككى تارىخي تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 2009-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شانلىق مىراس» ۋە «ئېزىتقۇ <پەرىشتە» دە رول ئالغان.



    خەن شياڭجېن

    1977-يىلى تۇغۇلغان. مودېل ئارتىس، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئېزىتقۇ <پەرىشتە>» ، «ساھىپجامالنىڭ دۇنياغا كېلىشى» قاتارلىقلار بار.

    (خەن شياڭجىن جۇڭگونىڭ داڭلىق ئارتىسى جاڭ گولىغا نېمىدىگەن ئوخشىغان ھە!) 

    لى سۇيەن

    1982-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان. 2000-يىلى ئېلان ئىشلەش بىلەن سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن. 2003-يىلى تۇنجى كىنوسى «ئۆسەك خەۋەردە» باش رول ئالغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىدىن: «مېنىڭ مۇكەممەل تۇرمۇشۇم» (2007)، «مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئالتۇن پەسلى» (2008)، «ئېزىتقۇ <پەرىشتە»(2009)، «مۇھەببەت يېنىمدا» (2011) قاتارلىقلار بار.



    جىن تەيشيەن

    1981-يىلى تۇغۇلغان، 2001-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن، 2009-يىلى «ئېزىتقۇ <پەرىشتە»  بىلەن يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2010-يىلى ئىسمىنى چېن تەيشيەنگە ئۆزگەرتكەن، 2014-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى  «مېھمانخانا شاھى» بىلەن دىققەت قوزغىغان.




    خوڭ شيۇشيەن

    1981-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان. 1999-يلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشكە قاتناشقان. 2005-يىلى «ۋېنتسىيەدىكى ئاشقىلار» بىلەن دىققەت قوزغىغان. 2008-يىلىدىن باشلاپ كىنو ئىشلەشكە باشلىغان.



    خەن جېنشى

    1949-يىلى تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپتە پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇغان، 1969-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن. «توي مارشى»، «مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىلەن ئارتىسلىق ئورنىنى تىكىلگەن. 70،80-يىللاردىكى «كېلىشكەن يىگىت»لەرنىڭ بىرسى دەپ تۇنۇلغان. خەن جېنشى ئامما تەرىپىدىن كورىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ داڭلىق 20 چولپاننىڭ بىرى دەپ تاللانغان.

    خەن جېنشى ئارتىس بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئارتىسلىق جەمەتىدىن چىققان جىن شيۇيۈن بىلەن توي قىلىپ ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان. تويدىن كېين ئۇنىڭ ئايالى ئىكراندىن چېكىنگەن. 2013-يىلى خەن جىنشىنىڭ يەتتە ياشلىق نەۋرىسى ئاق قان كېسىلى بىلەن قازا قىلغان.



    چې خېجۈەن

    1960-يىلى تۇغۇلغان، 1978-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن، ۋەكىللىك ئەسەرلىدىن «ئەيزىنىڭ ئاچىسى مىنزى»، «ئېزىتقۇ <پەرىشتە>» قاتارلىقلار بار. 2015-يىلى ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئانا » (جاڭ رۈيشىمۇ رول ئالغان) قويۇلدى.



    چېن يىسې

    1985-يىلى تۇغۇلغان، 2009-يىلى ئاشكارا ئارتىس قوبۇل قىلىش پائالىيتى ئارقىلىق ئارتىس بولغان.



    جياڭ يوۋمېي

    1983-يىلى تۇغۇلغان، 2002-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن.

    سۈي جىنا

    1975-يىلى تۇغۇلغان، 1995-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن.

    لى زەيخۇاڭ

    1976-يىلى تۇغۇلغان، ۋەكىللىك ئەسەرلىدىن: «خوتۇن ۋەسۋەسىسى»، «مەلىكە قايتىپ كەلدى»، «كۈلۈمسىرىگەن ئانا» قاتارلىقلا بار. 




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز