يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ھىندىستان چولپىنى شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
  • قاپلان بىلەن تىمساھ تۇتۇشۇپ قېلىپ قاپلان يېڭىۋالدى (سىنلىق كۆرۈنۈش)
  • ئىسپانىيەدە يانفون سىگنال مۇنارى قۇش ئۇۋىسىغا ئايلاندى
  • شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
  • تەيۋەن 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى
  • فىلىپپىندا 5.1 بال يەر تەۋرىدى
  • 27 يېشىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان قەززافىي نېمىشقا پادىشاھ ياكى زۇڭتۇڭ بولالمىدى؟
  • پارىژدىكى سودا سارايغا 1600 دانە قەغەز مۈشۈكئېيىق قويۇلۇپ، ھايۋاناتلارنى قوغداش مۇراجىئەت قىلىندى
  • پەلەستىندىكى بىر بانكا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلدى
  • نەچچە مىڭلىغان مۇساپىر سىتسىلىيە ئارىلىغا كىردى
  • ئاسىيادا قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى ئەڭ كۈچلۈك؟
  • مانخاتتاندا تىك قويۇلغان غايەت زور سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى نامايەن بولدى
  • يۇبىر ئامېرىكا نازارەت تارماقلىرىنى 12 مىليون ئابونتنىڭ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى
  • چاۋشيەندە كىم سۇڭجو تەۋەللۇت كۈنى خاتىرىلەندى
  • «2015-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    بىن لادىن ۋەسىيىتىدە 29 مىليون دوللار شەخسىي مۈلكىنى مىراس قالدۇرغانكەن

    مەنبە :news.sina.com.cn       يوللىغۇچى : abliz781       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-02


     سىنا تورى خەۋىرى، :

     يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرىدە، 2011-يىلى، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى رەھبىرى بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە بىر يوشۇرۇن گەمىدىن 113 پارچە ئارخىپنى قولغا چۈشۈرگەن، دېگەن.

    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى 1-مارت ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بىن لادىن بىر پارچە ۋەسىيەتنامىدە 29 مىليون ئامېرىكا دوللىرى شەخسىي مۈلكىنى مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ، كۆپ قىسىم پۇلنى يەر شارى مىقياسىدا داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشقا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. 

    ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلى بىن لادىننىڭ پاكىستاندىكى ئاببوتئاباد تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ھەمدە بۇ ۋەسىيەتنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. 

    دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بىن لادىن ئائىلىسىدىكىلەرنى «ۋەسىيەت» كە ئەمەل قىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ مىراسنى «غازات» قا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلغان.

    بىن لادىننىڭ بىر پارچە خېتىدە، بىن لادىن ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن ئايالى ۋە بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇچۇردا كۆرسىتىشىچە، بىن لادىن ئەينى چاغدا ئۆزىگە ئۆلۈم خەۋپى يېتىپ كەلگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلغان.

    بىن لادىن خېتىدە: «ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم، مەن ئۈچۈن كۆپ تىلاۋەت قىلىڭلار، داۋاملىق مېنىڭ نامىمدا خەير-ساخاۋەت قىلىڭلار، چۈنكى مەن مەڭگۈ تۇرىدىغان جايىمدا شۇلارغا ئېھتىياجلىق بولىمەن» دېگەن.

    گەرچە بىن لادىن ئۆزىمىزنىڭ مىراسىنى سۇداندا دېگەن بولسىمۇ، بىراق تەكشۈرگۈچى خادىم بۇ مىراسنىڭ نەق پۇل ياكى باشقا مال-مۈلۈك شەكلىدە ساقلانغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى، شۇنداقلا بۇ مىراسىنىڭ مىراس ۋارىسىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلەلمىدى. ئىگىلىنىشىچە، بىن لادىن 1990-يىللىرى سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ مېھمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇداندا 5 يىل تۇرغان. 

    ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان باشقا خەت-چەكلىرىدە، بىن لادىن يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا باھا بەرگەن، شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلغان. بىن لادىن خېتىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش بەك ئاسان، بىرقانچە كۈن ياكى بىرقانچە ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەپ ئويلايدۇ، بىراق بىز سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. سەۋرچان بولغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ».



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز