ياۋروپا پۇل سىياسىتى ئىختىلاپلىرى بۇلتۇر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مەزگىلىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزغىن مۇزاكىرىلىشىدىغان تېمغا ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە ئھېتىياجنىڭ ئاجىزلىشىشى بازاردا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى ئاجىزلاشتۇرۋەتتى.
قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، پېڭبو خەۋرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلغان بىر قاتار كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈردى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رايونى پۇل سىياسىتىنىڭ ئىختىلاپ يۆنىلىشى قايتىدىن بازارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2-ئايدىن بۇيان، كۈتۈلمىگەندە ئامېرىكا ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ، ياۋروپا رايونى ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ، يەنە بىر قېتىم كېسىشىش ھاسىل قىلدى، بۇ پۇل سىياسىتى ئىختىلاپى كۆرۈلدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەگەر يېلىن 3-ئايدا ئۆسۈم قوشمىسا، ئۇنداقتا سانلىق مەلۇماتلارنى بويىچە ئۆسۈم قوشۇش بىر "ئالدامچىلىق " .
كانادا رويال بانكىسى (RBC Capital Markets) ئامېرىكا باش ئىقتىسادشۇناسى Tom Porcelli مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىزچىل تۈردە " پۇل سىياسىتىنى قارار قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن" بۇ ئۇچۇرنى بازارغا يەتكۈزۈش. ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى كۈچىيىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى، ئەگەر يېلىن 3-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرمىسە، ئۇنداقتا پەقەت پۇل سىياسىتى قارارى ۋە سانلىق مەلۇمات مۇناسىۋەتسىزلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرمىسە، پۇل سىياسىتى قارارى ئۇچرىغان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ تەسىرى بازار مۆلچەردىن كىچىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بازار مۆلچەرگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ مەنپىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5385 يۈەن؛
ئەگەر ئىقتىساد تۈردىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىز ياكى تەپسىلىي چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ كىرىپ ئىلكان تورنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى