يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى
  • جۇڭگودا بايلارنىڭ نامراتلىشىپ، نامراتلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر
  • 2016-04-15 كۈندىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
  • 2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەرلىك زايومى تارقىتىلدى
  • بازار دىققەت نۇقتىسى يەكشەنبە كۈنىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا بولدى
  • 2016-04-15 كۈندىكى كۈمۈش سودا تەھلىلى
  • ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ماددىي ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى بىكار قىلدۇ
  • ئىلكان ئىقتىساد كالىندارى «4-ئاينىڭ 15-كۈنى»
  • خەلقئارالىق ئورگانلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا
  • ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى
  • كۈمۈشمۇ ئالتۇننىڭ تۆۋەنلەش ھالىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز
  • دوللار كۆرسەتكۈچى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى
  • چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ 3-ئايدىكى ئېكىسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا قانداق قارايدۇ؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئايروپىلان بېلىتى سېتىش قائىدىسىدە يەنە ئۆزگىرىش بولدى

    مەنبە :toutiao.com       يوللىغۇچى : oglan530       يوللانغان ۋاقىت :2016-02-23

        2-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تارقاتقان «دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە يولۇچى توشۇش بېلىتىنى سېتىش ۋاكالەتچىلىرىنىڭ رەسمىيەت ھەققىگە ئالاقىدار ئۇختۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) ئاۋىياتسىيە رادىيولىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئاڭلىتىلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا ئايروپىلان بېلىتىنى ۋاكالىتەن ساتقۇچى ئورۇنلارنىڭ ئارتۇق باھا قوشۇشى، باغلاپ سېتىشى ياكى ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورت كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئېلان قىلىنغان بېلەت باھاسى، ماس كېلىش شەرتلىرىنى يامان نىيەتتە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 

        21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يېڭى سىياسەت ئايروپىلان بېلىتى ۋاكالەتچىلىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلاپ قويۇشى سەۋەبلىك ئېلان قىلىنغان، ئەمما باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلەپمۇ توسۇپ قالغىلى بولمىغان، بۇ يىل يىل بېشىدا «قەيەرگە بارىسىز؟» (去哪儿) تورى ۋە شىيېچېڭ (携程) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ OTA ئۇچرىغان ئاممىۋى كىرىزىس ئايروپىلان بېلىتى سېتىشتىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى يەنە بىر قېتىم ئىجتىمائىي قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. 

        خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بۇ «ئۇقتۇرۇش»تا «بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى»، يەنى ئاۋىياتسىيە يولۇچى توشۇش رەسمىيەت ھەققى تۆلەش ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى سېتىش سوممىسى نىسبىتى بويىچە تۆلەشتىن ھەر بىر تال بېلەتكە مۇقىم سومما بويىچە تۆلەشكە ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم ئۆلچەملىك مۇقىم سوممىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، مۇۋاپىق ھالدا ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

        2-ئاينىڭ 19-كۈنى، 21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلغان ئىچكى قىسىمدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قويۇپ بەرگەن بىر مۇھىم سىگنال، «سېتىشقا پىرسەنت ئايرىش»تىن «مۇقىم سوممىلىق نىسبەت»كە ئۆزگەرتىش ئايروپىلان بېلىتى ۋاكالەتچىلىك ھەققىنىڭ «كېيىن بېرىش»تىن «ئالدىن بېرىش»كە ئۆز ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر «يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پۇل تۆلەش چارىسى پۈتۈنلەي ‹ئالدىن بېرىش›كە تەڭداش ئەمەس، بۇ ئىككىسىنىڭ ئازراق پەرقى بار» دەپ كۆرسەتتى. 

        دۆلەت ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىش ۋاكالەتچىلىك ھەققىدە ئىزچىل تۈردە «ئالدىن بېرىش+كېيىن بېرىش» بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، «ئالدىن بېرىش» بېلەت ۋاكالەتچىلىرى بېلەت باھاسى بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە ئېرىشىدىغان رەسمىيەت ھەققى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ %3 ئىدى، «كېيىن بېرىش» بولسا ۋاكالەتچىلەر بەلگىلىك سوممىدىكى بېلەتنى سېتىش سوممىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان مۇكاپاتتىن ئىبارەت. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىۋاستە سېتىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، «ئالدىن بېرىدىغان» مۇقىم ھەق نىسبىتىنى ئاساسەن نۆلگە تۆۋەنلەتتى، ھازىر بېلەت ۋاكالەتچىلىرى پەقەت مۇكاپات قىسمىغىلا ئېرىشەلەيدۇ. 

        ياشاش بوشلۇقىنىڭ تارىيىشى بىلەن بېلەت ۋاكالەتچىلىرى بېلەتكە باھا قوشۇپ سېتىش، قايتۇرۇش ئۆزگەرتىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپەيدى. دۆلەت ئىچىدىكى بىر چوڭ OTA نىڭ بىر ئىچكى قىسىم خادىمى 21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرىغا يۇقىرىقى يېڭى سىياسەت ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بېلەت ۋاكالەتچىلىرىنىڭ بېسىمى يېنىكلەپ، مۇقىملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان OTA لارنىڭمۇ پۇرسەتكە ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. 


    «ئالدىن بېرىدىغان»ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئەسلى ئورنىغا قايتامدۇ؟ 

        يۇقىرىقى «ئۇقتۇرۇش» ئەڭ دەسلەپ 18-چېسلا خەلق ئاۋىياتسىيە بايلىقى تورىدا ئېلان قىلىنغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھۆججەت ئەمەلىيەتتە 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ھەرقايسى خەلق ئاۋىياتسىيە يەرلىك ئىدارىلىرى، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئۇيۇشمىلىرىغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن، ئەمما بۇ ۋاقىت دەل چاغاننىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان، پەقەت يېقىنقى كۈنلەرگە كەلگەندە بېلەت ۋاكالەتچىلىرى ھۆججەتنى ئاندىن ئاشكارىلانغان. 

        ئىلگىرى بېلەت ۋاكالەتچىلىرىنى باشقۇرىدىغان جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئۇيۇشمىسىمۇ كۆپ قېتىم ھۆججەت تارقىتىپ، بېلەتكە باھا قوشۇپ ساتماسلىق ياكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. يېقىندا ئېلان قىلىغان «ئۇقتۇرۇش»تا ئايروپىلان بېلىتىنىڭ رەسمىيەت ھەققىنى سېتىش نىسبىتى بويىچە تۆلەشتىن ھەر بىر بېلەتكە مۇقىم سومما بويىچە تۆلەشكە ئۆزگەرتىش بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

        كۈچلۈك قوشۇن تورى (劲旅网) نىڭ CEO سى ۋېي جاڭرېن 21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:«بۇ بىر مۇھىم سىگنال، بېلەت ۋاكالەتچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئويۇن قائىدىسى بەلكىم يەنە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.»

        2014-يىلى 6-ئايدا دۆلەت ئاۋىياتسىيەسى ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى تۆۋەنلەتكەندىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۆت چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېلەتنڭ رەسمىيەت ھەققىگە قول سالدى، بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇزۇن يىل ئىجرا قىلىنغان %3 لىك ئۆلچەمنى بىر يولىلا 0 گە چۈشۈردى، «ئالدىن بېرىدىغان» ۋاكالەتچىلىك ھەققى بۇنىڭ بىلەن غايىب بولدى. 

        ئىلگىرى كەسىپ ئىچىدە 3+X دەپ ئاتالغان بېلەت كىرىمى ئەندىزىسىدە پەقەت X قېلىپ قالدى، X نىڭ قانچىلىك بولۇشى بېلەت مىقدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. «ئالدىن بېرىدىغان» كىرىم يوقالغاندىن كېيىن، بېلەت ۋاكالەتچىلىرى پەقەت بېلەت سېتىش مىقدارىغا تايىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللىدى.

        بىر قىسىم بېكەت ۋاكالەتچىلىرى بېلەت باھاسى ۋە قايتۇرۇش ئۆزگەرتىش باھاسىغا ھۈنەر ئىشلىتىشكە باشلىدى، كۆپلىگەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىدە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ئاللىبۇرۇن بېلەت ۋاكالەتچىلىرىنىڭ يېڭى ياشاش شەكلىگە ئايلانغان. ئۆتكەن يىلى باھار بايرىمىدا، ئون نەچچە ئاۋىياتسىيە لېنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كېتىشى شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ بېشىدا «قەيەرگە بارىسىز؟» تورى ۋە شىيېچېڭ تورىنىڭ ئاممىۋى كىرىزىسقا ئۇچرىشىمۇ بېلەت ۋاكالەتچىلىك ھالقىلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئاشكارىلىدى. 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز