كورلىدىكى چوڭ قاتىللىق ۋەقەسى نورۇز14-كۈنى پاش بولدى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن ئىگەللىشىچە، كورلا شەھىرىدىكى 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى قاتېللىق دېلوسى 14-چېسلا پاش قىلىنغان.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 1 لەر ئەتراپىدا كورلا شەھىرى جىن سەنجىياۋ تاللار بازىرىنىڭ ئالدىدا ئېغىر قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن. پىچاق كۆتۈرىۋالغان بىرسى گۇناھسىز بەش پۇقرانىڭ ئۆلىشىنى (3 ئەر، 2 ئايال، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى خۇيزۇ، قالغان تۆتى خەنزۇ، ئارىدىكى بىرەيلەن 3-ئاينىڭ8-كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان)، 7 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى (5 ئەر، 2 ئايال، بىر ئۇيغۇر، ئالتە خەنزۇ) كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى ھەزرەت ئېلىي مامۇت، 27 ياش، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، بايىنغىلون مۇڭغول ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، كەسپى دېھقان. ھەزرەت ئېلىي مامۇت قىمارغا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى ئائىسلىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دېگەندەك ياخشى بولماي كەلگەن، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم پىچاق كۆتۈرۈپ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن جازالانغان. دېلو يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا، ھەزرەت ئېلىي مامۇت بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈزبەرگەن، زىددىيەت ناھايىتى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىشتەك ئۈمىدسىز كەيپىيات شەكىللەنگەن ھەمدە دېلو سادىر قىلغان، كېيىن ئاممىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.