ھەممىمىزگە ئايان، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ، ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن سۇ بۇ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم ئۇقۇملار ئەلۋەتتە. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفون ياكى تۈز تاختىلىق كومپىيوتېر قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىققۇدەك ئىش ھېسابلىنىدۇ. يامغۇرلۇق كۈنلەردە، ساياھەتكە چىققاندىكى دېڭىز بويلىرىدا... مەسىلەن:سۇ كۆلچىكى، يۇيۇنۇش ۋاننىسى ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى تەرەت قاچىسىغا چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىقلار.
ئامېرىكا CNET پەن تېخنىكا تورىنىڭ تەھرىرى Maggie Reardon مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:«مەن ھەردائىم كىشىلەرنىڭ ئېھتىياتىسىزلىقتىن يانفونىنى تەرەت تۇڭىغا چۈشۈرۋەتكەنلىكىنى ياكى كىچىك بالىلارنىڭ يانفون ئۈستىگە مېۋە سۈيىنى تۆكىۋەتكەنلىك ئىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن كۆپ كۆرىلىدۇ.
يانفون ياكى تۈز تاختىلىق كومپىيوتېر سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، يېڭىدىن بىرنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە، بىر يېڭى تېخنىكا بارلىققا كەلدى. بۇ تېخنىكا بار يەردە سىز ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ھەرگىزمۇ ئەنسىرىمىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يىللىق يەرشارى كۆچمە خەۋەرلىشىش چوڭ يىغىنى ۋە ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرى كۆرگەزمىسىدە ، ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان بىر نەچچە مەھسۇلات بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى ھەم چىرايلىق ھەم سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان يانفون ۋە تۈز تاختىلىق كومپىيوتېرلار بىزدىن ئانچە يىراقتا ئەمەس.
ئالدىنقى ھەپتە يەرشارى كۆچمە خەۋارلىشىش چوڭ يىغىنىدا سونىي Xperia Z يانفونى ئۆزىنىڭ چىرايلىق تاشقى قىياپىتى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇندىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ئىقتىدارى بىلەن مۇشۇ ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ئادەمنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان مەسىلە، ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ رەھبىرى ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن مۇشۇ خىل يېڭى ئالاھىدىلىكنى ئويلىشامدۇ؟
«بۇ تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتى ئۇنداق تېز بولۇپ كېتىشى ناتايىن»Reardon قىياس قىلىپ شۇلارنى دېدى،«ئەمما، مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئومۇملىشىشى مۇمكىن.
يۇقارقى مەلۇماتلار بىزگە نۆۋەتتىكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە يانفوننى يېنىمىزدا ئېلىۋالغاچ سۇ ئۈزسەكمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ.
تۆۋەندىكىلەر بولسا سۇدىكى تۇرغۇزۇلۇش ۋاقتى سىنىلىۋاتقان ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار