شىنجىنپىڭ تۈنۈگۈن دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى: شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
نورۇز 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سايلىمىدا، ئالىي سوت مەھكىمەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جى بىڭشۇەن، تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ پىڭ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياڭباپىڭسو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جۇ قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى.