مايۈن ئالى بابا گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولمايدىكەن
مايۈن ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى لۇ جاۋشىي ئۆتكۈزۈپ بەردى
بۈگۈن ئالىي بابا گۇرۇھى لۇجاۋشىينىڭ مايۈننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ، ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ يېڭى باش مۇدىرى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئالىي بابا گۇرۇھى لۇ جاۋشىينىڭ مايۈننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى،ئىگىلىنىشىچە لۇجاۋشىي ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىدىن باشقا بارلىق كەسىپ مۇلازىمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدىكەن، مايۈن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تاۋباۋنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 10بولغان كۈنگىچە پۈتۈن ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولىدىكەن ، ئالىي بابانىڭ باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ھازىرچە پىڭ لېي ئۈستىگە ئالىدىكەن.
ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مايۈن ئىچكى قىسىم ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لۇجاۋشىي بولسا مەن بىلەن 13يىل بىللە خىزمەت قىلدى،ئۇ گۇڭدۇڭ b2bسىتىش بۆلۈمىنىڭ قۇرغۇچىسى، ھەق تۆلەش支付宝 شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى،چوڭ تاۋباۋ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن،ئۇ گۇرۇھنىڭ بارلىق كەسىپ ، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىپلا قالماي يەنە ئالىي مەدەنىيىتىنى يارىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ئۆزىگە خاس باشلامچىلىق قىلىش ئۇسلۇبى بار.
مايۈن يەنە مۇنۇلارنى ئىيتتى :ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسى بولسا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن قىيىن خىزمەت ھىساپلىنىدۇ ، لۇ جاۋشىينىڭ بۇندىن كىيىنكى مەسئۇلىيەت ۋە بىسىمنى ھەربىر ئالىي ئەزاسى بىلىپ يىتەلەيدۇ،مەن لاۋ لۇنىڭ ناھايىتى چوڭ قۇربانلىق بېرىپ بۇ ۋەزىپىگە ئۆزىنى ئاتىغانلىقىغا تەشەككۈ بىلدۈرىمەن.شۇنداقلا لۇجاۋشىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ،يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
ئىگىلىنىشچە مايۈن 5-ئاينىڭ 10 -كۈنىگىچە پۈتۈن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
لۇ جاۋشىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
2000-يىلى ئالىي بابا گۇرۇھىغا كېرگەن.
2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئالىي بابا گۇرۇھى b2bگۇڭدۇڭ سىتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
2004-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ھەق تۆلەش سۇپىسىنى 支付宝قۇرۇپ،ھەق تۆلەش 支付宝سۇپىسىغا باش مۇدىر بولغان.
2008-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تاۋباۋ تورىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.
2011-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئالىي بابا گۇرۇھىنى b2bشىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.
2012-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرغۇچىسى بولغان.