1. پراۋا ئۇنتۇلۇپ قالسا كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنامدۇ؟
پراۋا ئۇنتۇلۇپ قالسا، كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر تاسادىپىي پراۋا ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، قاتناش ساقچىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچراپ قالغاندا، ئاپتوموبىل تۇتۇپ قېلىنمايدۇ، شوپۇرمۇ تۇتۇپ تۇرۇلمايدۇ. بىراق، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، بىر نومۇر تارتىلىدۇ.
2. ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىلنى ھەيدىسە كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنامدۇ؟
ئادەتتە C1 ياكى C2 پراۋا بىلەن ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىردىن ئاشىدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە بولمايدۇ. ئەگەر، بۇنداق قىلمىش سادىر قىلىنىپ، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ئۇچراپ قالسا، بۇ كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلانمايدۇ، بىراق ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىغا ماس كەلمىگەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھېسابلىنىپ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇپ، 12 نومۇر تارتىلىدۇ. ئاپتوموبىل تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.
3. پراۋىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنامدۇ؟
پراۋىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھېسابلانمايدۇ، بىراق تەكشۈرۈپ قالسا، پراۋا مەجبۇرىي رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈپ، جەرىمانە قويۇلىدۇ بىراق نومۇر تارتىلمايدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتى بىر يىلغا توشمىغان بولسا، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال يېڭى كىنىشكا ئالماشتۇرۇش كېرەك.