فۇبىس دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىلىيادرلارنى باھالاپ چىقتى
1- ئەڭ بۇرۇنقى Facebookنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان Dustin Moskovitzدۇستىن موسكوۋىتىز.
بۇيىل 28ياش ، ساپ مەبلىغى 3.8مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.ئەينى ۋاقىتتا Dustin Moskovitzدۇستىن موسكوۋىتىز ياتاقدىشى ماك زاكبوك بىلەن بىللە Facebookنى قۇرۇپ چىققان ، بىراق ھازىر Facebookتىن ئايرىلىپ چىقتى،ھازىر بىلگايتىس ۋە ۋارىن بۇففېت بىلەن ئىئانە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ ، ئۇ ھەركۈنى ئىشقا ۋېلىسىپىتلىك بارىدۇ،شەخسىي ماشىنىسىنى ئىشلەتمەيدۇ.
2-ماك زاكبوك ئەڭ بۇرۇنقى Facebookنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. 3-ئاربوت تونخىتاكشىس،29ياش،ساپ مەبلىغى 1.5 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،8يىشىدىن باشلاپلا فۇبۇسنىڭ مىلىياردىرلار تىزىملىكىگە كىرگەن،2001-يىلى 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە رەسمىي تۈردە ئاتىسىنىڭ مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلغان،ئۇ ماشىنا ماھىرى بولۇپ ،كۆپ قېتىم گىرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنا ئايلانما مۇسابىقىلىرىغا قاتناشقان. 4-سىكوت دونكىن،30ياش، ساپ مەبلىغى5.1مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،سىكوت دونكىننىڭ دادىسى ئەينى چاغدا ئىككى مال توشۇش ماشىنىسى ئارقىلىق Enterprise Productsشىركىتىنى قۇرغان بولۇپ،بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئاھالىلەرگە مال يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللىناتتى،ھازىر بۇ شىركەتنىڭ قارمىقىدا 500مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت ، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى بار. 5-ئېدىخوت ساۋىلىن 30ياش،2.2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،Facebook نىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى،ئۇ ھازىر سىنگاپوردا ئولتۇراقلىشىپ مەبلەغ سېلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. 6- ياڭخۇي يەن،31 ياش،ساپ مەبلىغى5.7مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،بىيگۇييۈەن ئۆي مۈلۈك ئېچىش كارخانىسىنىڭ ئاساسلىق پايچىكى،جۇڭگۇدىكى ئەڭ باي ئايال 7-فاخېد خاررىي 32 ياش،ساپ مەبلىغى 1.35 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،2004-يىلى پارىژ قۇرۇلۇش كەسپىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن،ئاساسلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆي جاھازلىرى چىقىرىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 8- مارى بىسىنىر پاۋلو 32 ياش ، ساپ مەبلىغى 1.5 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،فىرانسىيە سۈت مەھسۇلاتلىرى باشلامچى كارخانىسى لاكتالىسنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى،بۇ كارخانىنىڭ نەچچە يۈزخىل سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە ماركىلىرى بار. 9-سىئان پاركېر 33ياش،ساپ مەبلىغى 2مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى.19 يېشىدا باشقىلارغا ياردەملىشىپ ھازىرقى داڭلىق مۇزىكا تور بىكىتى بولغان Napsterنى قۇرغان. 10-ئەيمىن خاررىي 34ياش، ساپ مەبلىغى 13.5 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،ھازىرSaudi Oge شىركىتىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇ،بۇ شىركەت ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ،تېلېگراف ۋە ئۆي مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇ 2013 يىللىق بايلار تىزىملىكىدە 1088-ئورۇنغا تىزىلدى. 12-تىيەنجوڭ لىياڭخى 35 ياش ،ساپ مەبلىغى 1.8مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،تىيەنجوڭ لىياڭخى ياپونىيىدىكى يانفۇن تور ئويۇن مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى Greeنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇدىرى،بۇ شىركەت ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئويۇن سۇپىسى OpenFeintنى سېتىۋالدى.
28 ياش،ساپ مەبلىغى 13.3 مىلىيارد يۈەن، Facebookنىڭ باش دىرىكتورى.
11-يىۋون بائۇ 35 ياش،ساپ مەبلىغى 2.4مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،گىرمانىيە بائۇر پۈتۈن دۇنيادا 400 خىلغا يېقىن ژۇرنال تۈرى ۋە15 دۆلەتتە 8700گە يېقىن ئىشچى خىزمەتچىسى بار،16 دۆلەتتىكى ھەرقايسى نەشرىياتلاردا 470 خىلغا يېقىن ژۇرنال چىقىرىدۇ،يىللىق سىتىلىش كىرىمى 2.5 مىلىيارد ياۋرو،ئۇ بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ 85%پاينى ئىگىلىگەن
13-ماكسىم نىگوكېۋ 36 ياش،ساپ مەبلىغى 13 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى ، ئۇ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كومپيۇتېر سىستېمىلىرى ۋە سىمسىز تېلېفۇن سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان،2000-يىلى يانفۇن توپ تارقىتىش سودىسىنى باشلىغان،شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يانفۇن پارچى سېتىش شىركىتى Svyaznoyنى قۇرغان،بۇ شىركەت روسىيەدىكى 2-چوڭ يانفۇن پارچى سېتىش شىركىتى ھىساپلىنىدۇ،2010-يىلى Svyaznoyبانكىسىنى قۇردى يەنە دانىيە داڭلىق زىبۇزىننەت ماركىسى Pandoraنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقوقىنى سېتىۋالدى.ئۇ 2013-يىللىق بايلار قاتارىدا 1107-ئورۇنغا تىزىلدى.
14-Alejandro Santo Domingo Davila دىمىگو دىۋىلا 36 ياش ، ساپ مەبلىغى11.7 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى ، ئامېرىكا كولۇمبىيەلىك، خارۋارىد ئۇنىۋېرىستېتى تارىخ فاكۇلېتىتىنى پۈتتۈرگەن،2011-يىلى 10-ئايدا دادىسى قازا قىلغاندىن كېيىن ، دادىسىنىڭ سانتو دومىنگو گۇرۇھىغا ۋارىسلىق قىلغان،نىيۇ يورك مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى،Valoremشىركېتىنىڭ باش مۇدىرى،2009-يىلىدىن باشلاپ نىيۇ يوركتىكى كۆپ قىسىم مۇزېيلارنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان،ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كولومبىيە كارىب دېڭىز بويىدا شەخسىي ئارىلى بار،2013-يىلى ئۇ دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 82-ئورۇنغا تىزىلدى.
15-1جاك دورسېي 36 ياش، ساپ مەبلىغى 11 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى،ئۇ دۇنيانى ئۆزگەرتكەن پروگراممېر دەپ تەرىپلىنىدۇ،ئۇ 1971-يىلى 11- ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ،نىيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان،يۇمشاق دېتال پروگىراممىرى،پۈتۈن دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان TwitterۋەSquare كۆچمە ھەق تۆلەش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى،كۆپ قىسىم مۈلۈكى كۆچمە ھەق تۆلەش شىركىتىنىڭ پايچىكىدىن كەلگەن.