«سەن كېتىپ»، «دەپتىمەن»، «مەيلى» قاتارلىق بىر قاتار لىرىك كۈيلەرنىڭ ئىجادچىسى ھەم ئىجراچىسى، يېتىلۋاتقان ياش ناخشىچىمىز رەنا مىجىت غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغان. 2004- يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى مۇزىكا فاكولتىتنىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
رەنا ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزىنقىشىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ نادىر كۈيلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا. ئۇ يېقىندا «مۇھەببەتنىڭ ئەلىمى»، «خوشلاشقىم كەلمەيدۇ»، «كۈتۈشلەردىن»، «سېنى سېغىندىم» قاتارلىق ئىجادىي لىرىكىلىرى مۇجەسسەملەنگەن «كۈتۈشلەردىن» ناملىق يېڭى DVD پلاستىنكىسىنى بازارغا سېلىپ، مۇھەببەتكە تەشنا قەلىبلەرنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالماقچى...
سىلەر ئۈچۈن مەزكۇر پلاستىنكىدىن تۆۋەندىكى MVنى ھوزورۇڭلارغا ئالدىن سۇندۇق:
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1983- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى
يۇرتى: غۇلجا
قان تىپى: A
مىجەز- خاراكتىرى: ئېغىر- بېسىق، چىقىشقاق
قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، سۇ ئۈزۈش، ساياھەت قىلىش
ئارتۇقچىلىقى: گىتار، دۇتتار ۋە تەمبور چېلىش
كەمچىلىكى: كۆڭۈلچەك
تىكاھلىنىش ئەھۋالى: توي قىلمىغان
لايىقى: يوق
ھازىر شۇغۇللىنۋاتقان كەسپى: مۇزىكا ئىجادىيىتى
ئەڭ ياقتۇرىدىغان تامىقى: پولو
ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ: ئاق، قىزىل، قارا
ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتابى: لېيىغان بۇلاق، ئانا يۇرت،جاللات خېنىم قاتارلىقلار
ئەڭ ياقتۇرىدىغان سۆزى: چىدا يۈرىگىم، چىدا قەلبىم... سەۋرىگە كۆن، شۈكرىگە تىرىش... ھەر ئۆرلەشنىڭ بىر چۈشىشى، بىر چۈشۈشنىڭ بىر چىقىشى بار.
ئارزۇيى: ئاز بولسىمۇ، ئەمما ساز بولغان ئىجادىيەتلەرنى روياپقا چىقىرىش، تېنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش
رەنا مىجىتنىڭ رەسىملىرى
بۇ رەسملەر دىل كۈيى بىز تور بىكىتى تەرپىدىن ئۇزار تور بىكتىگە كۈچۈرۈپ ئېلىندى.
ئەسلى مەنبەسى: دىل كۈيى سەنئەت تورى