جېجياڭ شاۋشىڭلىق 27 ياشلىق شىياۋجىياڭ 5 كىۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئۆيىدىن توپتوغرا ئالتە يىل سىرتقا چىقىپمۇ باقمىغان.‹ ئۆيدىن سىرتقىمۇ چىقمايدۇ،دوستلىرى يوق،تاشقى دۇنيا بىلەنمۇ ئارلاشمايدۇ› شىياۋجىياڭنىڭ دادىسى يې يۈمىڭنىڭ نەزىرىدە،كومپىيوتېر بىلەن كارۋات بولسا ئوغلىنىڭ بارلىق دۇنياسى ئىىدى.ئوزۇقلىنىش ياخشى بولمىغانلىقتىن،شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل كارۋاتتا يېتىپ كۈن نۇرى كۆرمىگەن بولغاچقا،ھازىر 1.75 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىياۋجىياڭنىڭ تەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگراممۇ كەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ مۇسكۇللىرىمۇ يىگىلەشكە باشلىغان بولۇپ،يىگىلەپ خۇددى بامبۇك تايىقىدەكلا بولۇپ قالغانىدى.
ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ تەربىيە نەسىھەتلىرىمۇ شىياۋجىياڭغا قىلچە كار قىلمىغان بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن كۈنسېرى ئورۇقلاپ،بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقان ئوغلىنىڭ ھالىنى كۆرگەن دادىسى يې يۈمىڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ،60 بەتلىك ‹ كىم مېنىڭ ئوغلۇمنى قۇتقۇزالايدۇ› دېگەن خەتنى يازغان،شۇندقلا بۇ خەتنى شەھەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاپتۇبۇس بېكەتلىرى ھەم ئادەم كۆپ جايلارغا چاپلاپ،جەمئىيەتتىن ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتۈنگەن.
يې بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە،شىياۋجىياڭ 19 ياش ۋاقتىدا جېجياڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپنىڭ كومپىيوتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ،شاۋشىڭدىكى يىگاۋ كومپىيوتېر بازىرىدا بىر يىلدەك ئىشلىگەن ئىكەن.بى يىلدىن كېيىن،ئۇ ئۆزى بىر تال كومپىيوتېر سېتىۋىلىپ،ئۆيدىكىلىرى بىلەنمۇ مەسلىھەتلەشمەيلا خىزمىتىدىن ئېستىپا بېرىپ ئۆيگە قايتىپ،كۈندە كومپىيوتېر ئويناش بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن ئىكەن.يې يۈمىڭنىڭ دېيىشىچە،دەسلەپتە ئوغلى گەرچە كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك كومپىيوتېر ئوينىغان بولسىمۇ،لېكىن 3 ۋاق تاماقنى ئۆيىدىن چىقىپ چوڭلار بىلەن ئولتۇرۇپ يەيتتىكەن.كېيىن دادىسى ئاچچىقلىنىپ ئۆيدىكى تورنى توختىتىۋەتكەندىن كېيىن،ئوغلى شىياۋجىياڭ ئۆيدىكىلەرگە قېيداپ،ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدىنمۇ چىقماي كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك ئۇخلاپلا،كۈندە .ئاران بىر ۋاق تاماق يەيدىغان بولۇپ قالغان.
‹ ئۈچ يىل بۇرۇن،بالىنىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدا يېتىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئۆيدىن چىقىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاپىسىنى كۆرۈشكىمۇ ئۇنىمىغان،شۇنىڭ بىلەن سەكراتتا ياتقان بۇ بىچارە ئانا ئەڭ ئاخىرقى نەپسىدىمۇ ‹ ئوغلۇم› دەپ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا جان ئۈزگەن› دېدى شىياۋجىياڭنىڭ دادىسى يې يۈمىڭ قاغجىراپ كەتكەن قوللىرى بىلەن كۆز جىيەكلىرىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
شاۋشىڭ شەھەرلىك شىن شىن پىسخىكىلىق داۋالاش پونكىتىدىن پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى-ۋاڭ مىننىڭ قارىشىچە،شىياۋجىياڭ ئۇزۇن مەزگىل تور دۇنياسىغا چۆكۈپ كېتىپ،جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان بولغاچقا،ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر كېلىپ چىققان.ئۇنىڭ دېيىشچە،ھازىر شىياۋجىياڭ ئۆيىدىكىلەر ھەم دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا سىرتقى دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە،ئۇنىڭغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج بولۇپ،ھەرگىزمۇ ئۇنى ئەيىبلىمەسلىك لازىم ئىكەن.شۇنداقلا ،ئەگەر شىياۋجىياڭ خالىغان ئەھۋال ئاستىدا،دادىسى يې يۈمىڭ ئۇنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ،ئوغلىنىڭ پىسخىك ھەم فىزىئولوگىيلىك جەھەتتىكى داۋالىشىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم بولۇپ،ئۇنىڭ پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ يىگىلەش كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى لازىم ئىكەن.