يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • «گۈزەل ۋە خاسىيەتلىك» ئاپتوموبىل –ئاۋدى R8
  • تېسلا MODEL X 75D تىپىنى چىقاردى
  • ۋولكىسۋاگېن 2017-نۇسخا Polo R نىڭ مۇقەددىمە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
  • ئاستون مارتىن GT8 نىڭ جاسۇسلۇق سۈرئىتى ئاشكارلاندى
  • ئونىنچى ئەۋلاد خوندا سىۋىك زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟
  • ئېلىكترونلۇق نۇسخىدىكى يېڭى سانتافى-خۇاتەي xEV260 ئاپرېلدا بازارغا سېلىنىدۇ
  • زاپاس بالوننى ئىشلىتىش-ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • بۇلى يوق ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالامسىز ؟
  • گۇگۇلنىڭ يېڭى پاتنېتى: شوپۇرسىز ماشىنا يۆنىلىش بۇراش سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ
  • شەرق شامىلى خوندا يېڭى سىۋىك بازارغا سېلىندى
  • ماشىنا ماتورىنىڭ 1.5L ۋە 1.5T نىڭ نېمە پەرقى بار؟
  • تېسلا يېڭى نۇسخا MODEL S نى ئېلان قىلدى
  • شەرق شامىلى A9 رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 179 مىڭ يۈەن
  • 2016-يىللىق ئىتالىيە برېسىيا ماشىنا ۋە قەھۋە پائالىيىتىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنىلار
  • ئاستون مارتىن DB11 بېيجىڭ كۆرگەزمىسىدە جۇڭگودا تۇنجى ئېلان قىلىنىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شوپۇرلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان ناچار ئادەتلەر

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-26

    :

    «كونا شوپۇر» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ رول تۇتقان ۋاقتىغا قارامدۇق ياكى تەجرىبىسىگە قارامدۇق ۋە ياكى باشقا جەھەتتىن دەمدۇق؟ كۆپلىگەن كىشىلەر «كونا شوپۇرلار ماشىنىنى سىلىق ھەيدەيدۇ، يېڭى شوپۇرلار ماشىنا ھەيدىسە كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئالىدۇ» دېيىشىدۇ. مەيلى سىز يېڭى يولغا چىققان شوپۇر بولۇڭ ياكى كونا پېشقەدەم شوپۇر بولۇڭ، تۆۋەندىكى ناچار ئادەتلەردىن قانچىسى سىزدە مەۋجۇت؟

    ماشىنا ھەيدەشتىكى مۇددىئايىڭىز نېمە؟

    ئۇ بولسىمۇ بىخەتەر مەنزىلگە يېتىش.

    ماشىنا ھەيدىگەندە ھەممىدىن مۇھىمى نېمە؟

    بىخەتەرلىك !

    بىز ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ماھىرلىرى ئەمەس، ئالدىراپ سۈرئەت ئاشۇرىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

    1-خىل ناچار ئادەت

    بىر قولدا ماشىنا ھەيدەش

    كۆپلىگەن كىشىلەر بىر قولىدا رول تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا خورت يۆتكەپ ھەيدەشكە كۆنگەن، ياكى بىر قولىدا بېشىنى تىرەشكە، ۋە ياكى تاماكا چېكىش قاتارلىق...

    توغرا ئۇسۇل-ئىككى قولنى رولنىڭ سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ 3 ۋە 9 يۆلىنىشىگە ھېچقانداق كۈچىمەيلا يېنىك قويۇش، بۇنداق ئادەتلەنگەندىن كېيىن سىز راھەتلىكنى ھېس قىلىسىز. يەنە كېلىپ بەزى كونا شوپۇرلار تەتۈر قولدا رول ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل بۇرۇنقى ماشىنىلارنىڭ رول ئۇرۇشقا ياردەم كۈچى يەتكۈزىدىغان ئىقتىدارىنىڭ بولمىغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ھازىر تامامەن زۆرۈرىيىتى يوق دېيىشكە بولىدۇ.

    2-خىل ناچار ئادەت

    ئۆچرەتكە قىستىلىش

    قىسمەن شوپۇرلار ئۆزىنىڭ «يول تالىشىش» ماھارىتىگە تايىنىپ، تېزرەك مەنزىلگە يېتىشى ئۈچۈن ئۆچرەتكە قىسىلىدۇ.

    بىراق شوپۇرلاردا «ئەگىشىش» پىسخىكىسى بولغاچقا ھەمىشە بۇ بىر «قىلمىش» نىڭ يېتەكلىشىدە ھەممەيلەن ئۆچرەت قىسىلىدۇ. ئاقىۋەتتە كۆۋرۈك ئاستى، چىقىش ئېغىزلىرى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە ئېغىر قىستاڭچىلىق ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.

    توغرا ئۇسۇلى-ناۋادا ھەربىر شوپۇر ئۆز رەت-تەرتىپى بويىچە ئۆز يولىدا نورمال يۈرۈش قىلسا، ئامال بار ئۆز ئارا يول بەرگەندە قىستاڭچىلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقمايدۇ.

    3-خىل ناچار ئادەت

    سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەش

    ماشىنىنى تېز سۈرئەتتە ھەيدەش ھازىر ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. كۆپلىگەن يېڭى يولغا چىققان شوپۇرلار ئاساسەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەيدۇ، ھالبۇكى بىر قەدەر «كونا، تەجرىبىلىك» شوپۇرلارنىڭ 99 پىرسەنتى سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەيدۇ-دە، سۈرئەت تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىغا كەلگەن سۈرئەتنى چۈشۈرۈۋالىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا يەنە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەيدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ھەممە شوپۇرنىڭ نەزىرىدە يول ئۈستىدە ئۆزىدىن تېز ھەيدىگەن «ئەخمەق» بىلەن ئارقىسىدا قالغان «يارىماس» بولىدۇ.

    توغرا ئۇسۇلى-قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى سۈرئەت ئاشۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ. پەقەت نورمال بەلگىلەنگەن سۈرئەتتە ھەيدىگەندىلا بىخەتەرلىكىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

    4-خىل ناچار ئادەت

    ئىككىنچى خوتتا قوزغىتىش

    قىسمەن كونا شوپۇرلار ئىككىنچى خوتتا قوزغىتىشقا ئامراق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق بولغاندا خوت يۆتكەش قېتىم سانى ئازىيىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇلنىڭ ماشىنىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى تولىمۇ ئېغىر، بىرىنچىدىن، ماتورنىڭ كۆيۈشى يېتەرسىزلىكىدىن قالدۇق كاربون دۇگلىشىپ قالىدۇ، ئىككىنچىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئىككىنچى جوتتا قوزغاتقاندا مۇفتىنىڭ خورىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

    توغرا ئۇسۇلى-خۇددىي شوپۇرلۇق مەكتىپىدىكى ترېنېرىڭىزنىڭ ئېيتقىنىدەك قەدەممۇ قەدەم خوت يۆتكەش ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل.

    5-خىل ناچار ئادەت

    ئۇزۇن مۇددەت يىراقنى يورۇتۇش چىرىقىنى يورۇتىۋېلىش

    كەچتە ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇر دوستلار كەچتە يۈرۈش قىلىشنىڭ ئازابىنى بىلىدۇ، شۇنداق ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ كۈچلۈك يىراقنى يورۇتۇش چىرىقىنىڭ نۇرى كۆزنى چېقىشى تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ قىلمىشنى يېڭى ماھىرلار سادىر قىلىدۇ دەپ ئەيىبلىشىدۇ، بىراق، ئەمەلىيەتتە كونا شوپۇرلارنىڭ بۇ خىل خاتالىقنى سادىر قىلىش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.

    توغرا ئۇسۇلى-مەركىزىي يول توسۇقى ياكى مەركىزىي سىزىقى بولمىغان يولدا ماڭغاندا قارشى تەرەپتىكى ماشىنا بىلەن بولغان ئارىلىق 150 مېتىر ئىچىدە يىراقنى يورۇتۇش چىرىقى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يول چىرىقى ياكى قار ۋە تۇمانلىق ھاۋا رايىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. جىددىي ئەگىلىدىغان ياكى يۇقىرى-تۆۋەن يۆلىنىشتىكى يول بۆلەكلىرىدە ئېچىشقا بولمايدۇ.

    6-خىل ناچار ئادەت

    يول سەپراسى

    يولدىكى ماشىنىلارنىڭ سانى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يول سەپراسىغا گىرىپتار بولغان شوپۇرلارنىڭ سانى توختىماستىن ئاشماقتا. كۆپلىگەن خەۋەرلەردىمۇ بۇ توغرىسىدىكى ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنماقتا. ماشىنا ھەيدىگەن ھامان سەپرا ئۆرلەپ، جىلىغۇر بولۇپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر «كېسەل ئالامىتى»، داۋالاش كېرەك.

    توغرا ئۇسۇلى-بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ناچار كەيپىياتنى ھەرگىز ماشىنىغا بىللە «ئېلىپ چىقماڭ».

    يولدا كېتىۋېتىپ باشقىلار بىلەن تاكاللىشىپ يۈرمەڭ، بىر قەدەم يول قويسىڭىز، يولىڭىز ئالەمچە ئېچىلىدۇ. لىرىك، يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ بېرىڭ.

    7-خىل ناچار ئادەت

    ھاراقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش

    يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ھاراقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىلىۋاتىدۇ، بىراق يەنىلا «توردىن قاچقان» بېلىقلار مەۋجۇد، ئادەتتە يېڭى شوپۇرلار ھاراقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، قىسمەن ھاراققا مەپتۇن شوپۇرلارغا نىسبەتەن «ھاراقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش» قىلمىشى ئەمەلىيەتتە «ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى ۋە «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش» قىلمىشى بىلەن باراۋەر.

    توغرا ئۇسۇل-ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق شۇ بىر جۈملە سۆزنى مەڭگۈ يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. «ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك، ھاراق ئىچكەندە ماشىنا ھەيدىمەسلىك».

    8-خىل ناچار ئادەت

    ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئويناش

    بەزى كىشىلەردە مۇنداق ئويلايدۇ، ئۆيدىن چىققاندا باشقا نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالسا بولىدۇ، بىراق يانفونىنى ئۇنتۇپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ، ھازىر يول يۈرگەندە قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز كۆپىنچە كىشىلەر ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلىفون سۆزلىشىش، قىسقا ئۇچۇر يېزىش، ئۈندىدار پاراڭلىشىشكە ئادەتلەندى. ھەتتا يول ئوتتۇرىسىدا يانفونىغا قاراش ئۈچۈن جىددىي تورمۇز تۇتىدىغان شوپۇرلارمۇ بار. بۇ قىلمىشنى قەتئىي كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.

    توغرا ئۇسۇلى-ماشىنا ھەيدىگەندە يانفونىڭىزنى بىر يانغا قويۇڭ، ناۋادا قاراشقا مەجبۇر بولغان بولسىڭىز يول بويىغا توختىتىپ قارىۋېلىڭ، بىخەتەرلىك ھەممىدىن مۇھىم !

    9-خىل ناچار ئادەت

    بېزىندە تاقىماسلىق

    يېڭى شوپۇرلاردا بۇ خاتالىق ئاساسەن ئاز سادىر بولىدۇ، بىراق كونا شوپۇرلار بېزىندە تاقاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، كۆپىنچە كونا شوپۇرلار پەقەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىلا بېزىندە تاقاشقا كۆنگەن، قىسمەن شوپۇرلار يەنە بېزىندە بېشى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ماشىنىنىڭ ئاپتوماتىك ئەسكەرتىش ئاۋازىدىن «ساقلىنىدۇ».

    توغرا ئۇسۇل-ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بېزىندە تاقىۋېلىڭ.

    يەكۈن-ماشىنا ھەيدىگەندە يامان ئادەت ھەممەيلەندە ئاز-تولا مەۋجۇد بولىدۇ، مۇھىمى ناچار ئادەتنىڭ ئېغىر ياكى ئېغىر ئەمەسلىكىدە، سىز چوقۇم شۇ سوئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ تۇرىشىڭىز كېرەك : «ماشىنا ھەيدىگەندە ئەڭ مۇھىمى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ بىخەتەرلىك !» ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يامان ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ.


    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز