ياپۇنىيەنىڭ جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەپ
ھەممەيلەنگە مەلۇم ، ياپۇنلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگۇغا نىمىلەرنى قىلغانلىقىنى ، كىيىن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ياپۇنلۇقلارغا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ، شۇڭلاشقا ياپۇنىيە چۇقۇم جۇڭگۇ ھەقىقى قەد كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى جۇڭگۇ بىلەن سوقۇشىدۇ ، ياپۇنلۇقلارنى ئامېرىكىلىقلار يۆلەيدۇ ، ھەتتا ياپۇنىيە ھىندىستان بىلەنمۇ بىرلىشىدۇ .
ئەگەر جۇڭگۇنى يېڭىلسە ، ياپۇنىيەگە بولغان پايدىلىق تەرىپى ، ياپۇنىيە جۇڭگۇغا ئەڭ يېقىن ، چۇقۇم ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن جۇڭگونى باشقۇرىدۇ ۋە قۇل قىلىدۇ ، ياپۇنىيەدە بايلىق يوق ، دېڭىز يۈزى كۆتۈرۈلسە كەلگۈسىدە ياپۇنىيە چۇقۇم چۆكۈپ كىتىدۇ ، كەلگۈسىدە ياپۇنىيە تەبىئىيلا جۇڭگۇنى قۇل قىلىش بىلەن بىرگە جۇڭگۇغا كۆپ مىقداردا كۆچمەن بۇلۇپ كىرىدۇ ، ئاخىرىدا ياپۇنىيە ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇنىڭ تەبىئى بايلىقى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرىدۇ ھەمدە ئامېرىكىغا جەڭ ئىلان قىلىدۇ .
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەپ
1.ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچى ھەرقايسى تەرەپلەردە ئاجىزلىشىىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىن قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكىغا خىرس ئېلىپ كەلدى ، بۇنداق ھەقىقەتنى ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ئۈستىگە قويسا قۇبۇل قىلالمايدۇ .
2. جۇڭگۇنىڭ ھەربىي كۈچى ھازىر يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، گەرچە يادرو قۇرالى بولسىمۇ ، ئەمما ھەقىقىي ئامېرىكىنىڭ زىمىنىغا زەربە بىرەلەيدىغىنى ساناقلىقلا ، ئەگەر ئامېرىكا يەرشارى مۇداپىئە سىستىمىسىنى ئىشلەتسە ھەمدە 3-5چە يادرو قۇرالىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بىرەلىسىلا چۇقۇم جۇڭگۇنى مەغلۇپ قىلالايدۇ . جۇڭگۇنىڭ يادرو تەھدىتى ئامېرىكا تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كىيىن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى قۇراللىرىغا تايىنىپمۇ جۇڭگۇنىڭ 2-توپچىلار قىسمى ، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيسىنى تەلتۈكۈس يوقىتالايدۇ ، بۇ قىسىملارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ يەنىلا تۈگىشىدۇ .
3.روسىيە جۇڭگۇغا ياردەم قىلمايدۇ ، چۈنكى جۇڭگۇ روسىيەنىڭ ئىتتىپاقدېشى ئەمەس ، روسىيەگە نىسبەتەن جۇڭگۇ پەقەت بىر پارچە لوق گۆش ، روسىيە جۇڭگۇنىڭ نۇپۇسىنى ، بايلىقىنى قۇبۇل قىلالايدۇ ، لىكىن ھەقىقىي بىر ئىگىلىك ھۇقۇقلۇق جۇڭگۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ ، ھەتتا روسىيەمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگۇ زىمىنىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدۇ .
4. ئامېرىكا جۇڭگۇغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستاننىمۇ ئەسكەر كىرگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ ، ھىندىستانمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىزاڭ رايۇنىنى بۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ .
5. جۇڭگۇ ھازىر ، ھەتتا كەلگۈسى20يىل ئىچىدىمۇ ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بۇلالمايدۇ ، چۈنكى كۆپ قىسىم جۇڭگۇلۇقلار ئامېرىكا ھەرگىزمۇ جۇڭگۇغا ھۇجۇم قىلمايدۇ ، ئامېرىكىلىقلار ئادەم ئۆلۈشتىن بەك قورقىدۇ ، دەپ قارايدۇ ، ھالبۇكى ئامېرىكىغا نىسبەتەن جۇڭگۇنى ھالاك قىلغاندىن كىينكى دۆلەت مەنپەئەتى نەچچەيۈزمىڭ ھەتتا نەچچەمىليون ئادەمنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ .
6.ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىتتىپاقدىشى بار ، ھەققانىيەت يۈزىسىدىن بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكىغا ياردەم بەرمىسىمۇ ئەمما ، جۇڭگۇغىمۇ ياردەم قىلمايدۇ .
7. ئامېرىكىلىقلار ئاق تەنلىك ئىرىق ھەمدە كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق ئىرىقتىن ، جۇڭگۇلۇقلار بولسا سېرىق تەنلىك ، ئېرقى جەھەتتىكى پەرق ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چوڭايتىدۇ .
8.جۇڭگۇنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە ، ھازىرلا كىينكى ئاپەتنى يوقاتماق لازىم ، دەپ ئويلايدۇ .