ئىككى يىغىندا خەلۇق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش زور بولدى
80-يىللاردىن كېيىنكى سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگو مۇھاجىرى: خاسىيەتلىك كېمىنى ئاسمانغا چىقىرالىغان ئىكەنمىز، مۇھىتنىمۇ چوقۇم ئوڭشىيالايمىز دېدى
«ئىككى يىغىن» خەلقنى ئاساس قىلىپ، خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، نەچچە مىليون جۇڭگولۇقنى تەسىرلەندۈرۈپلا قالماستىن، چەتئەللەردە تىرىشىۋاتقانلارنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ھاياتىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان 80- يىللاردىن كېيىنكى ياشلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. يېڭى بىر تۈركۈم ياشلار بولۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ دۆلەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى نېمە؟ يەرشارى تورى «دۇنيا تورداشلىرىنىڭ ئىككى يىغىنغا بولغان كۆز قاراشلىرى» دېگەن مەخسۇس تېمىدا ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى خاتىرلىدى.
31 ياشلىق سۈي فېڭ بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئولتۇرىدۇ، ئۇ نوكىيا سىمىنىس ئالاقە تېخنىكا شىركىتىنىڭ (سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى) ئالىي ئېنژىنېرى. ئۇنىڭدا ياشلاردىكى ئوت يۈرەكلىك بار، شۇنداقلا دۆلەتكە نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەتمۇ بار. ئۇ جۇڭگو ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئۈچۈن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ، ئاۋىئاماتكىنىڭ دېڭىزغا چىقىشى، ئالەم كېمىسىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى قاتارلىقلار ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇ جۇڭگودا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ھوقۇقنىڭ چىرىكلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن.
سۈي فېڭ مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگولۇقلار «خاسىيەتلىك كېمە» نى ئاسمانغا چىقىرالىغان ئىكەنمىز، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىمۇ چوقۇم ھەل قىلالايمىز. بىز دەرسلىكتىن «قەتئىي غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋۋال بۇلغاپ ئاندىن ئوڭشاشتەك كونا يولىغا ماڭماسلىق» نى ئۆگەنگەن، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بەزى شەھەرلەردە بۇلغىنىش ھېچقانداق تۈپتىن تۈزەشكە ئېرىشەلمەيۋاتقان ئەمەلىيەت شەكىللەندى. بۇ مەسىلە «ئىككى يىغىن» ۋەكىللىرىنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا شۇنداقلا دەرھال ھەرىكەتلىنىشىگە ئەرزىيدۇ».
گەرچە چەتئەلدە ئىگىلىكى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۈي فىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان «ئىككى يىغىن» مەزمونى بولسا، ياشانغاندا بېقىلىش سۇغۇرتىسى قوش يۆنىلىشلىك تۈزۈمى ۋە ئەمەلدارلار پەرزەنتلىرىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتارلىق مەسلىلەر. مەن «ھوقۇقنى قەپەسكە سولاپ قويۇش» چارىسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ قارىشىچە «ھوقۇقنى قەپەسكە سولاپ قويۇش» تەك ئەھمىيەتلىك تۈزۈم بولمىسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىشى ناھايىتى تەس».