ئامېرىكا دېترويىت ئاخباراتى كۈندىلىك گېزىتىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ تۆۋەندىكىدەك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە تېمىسى:«ئامېرىكا جۇڭگودىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك؟»ئىكەن.
ماقالە مەزمۇنى:جۇڭگونىڭ نكۋەتتىكى ۋەزىيەتتىكى ئورنى خېلى يۇقىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە سەپ ئالدىدا مېڭىشى ۋە مەركەز بولۇپ قېلىشى ، دۇنيادا ھەرقايسسى جەھەتتىكى ئورنى ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىر ھۇجۇم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىلىقلار جىددىي ھالدا جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ، تىلى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىنى چۈشىنىشكە موھتاج. تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 20-ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي مەزگىلىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ، جۇڭگو ئاۋۋال خورلانغان.بىلسۇن-بىلمىسۇن ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ تىركەشكەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندىلا، دۇنياغا ئۆزىنى ئېچىۋېتىش يەنى ئىسلىھات سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا نىسبەتەن نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. دېڭشىياۋپىڭ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» پىرىنسىپى ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر تەرەققىياتىنى قوغلاشقا يۈزلەنگەن. ھازىرقى جۇڭگو بولسا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە غەرب ئەللىرىدىن ئېشىپ كەتتى.
ئەسلىسەك، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئاپام ماڭا دائىم تاماقنى ئىسراپ قىلما، ئاشۇرۇپ قويما دەيدىغىنى ئېسىمدە ئىدى.ئەمما شۇ چاغلاردا جۇڭگولۇق بالىلاردا ئاچ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ئىكەن. ئەمدىكى كۈنگە كەلگەندە، جۇڭگو ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرىغا ئىگە بولدى، بۇ قارىماققا ئامېرىكىنىڭ چۈشلشك غىزاسىنى تارتىۋالقىدىغاندەكلا بىر كۆرىنىش ئىدى. مەن 25 يىل جۇڭگودا تۇردۇم ھەمدە ئۇزۇن يىل جەريانىدا جۇڭگودا ئۆگىنىش قىلدىم ۋە جۇڭگونى چۈشەندىم. مەن بىلىملىرىمنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ چۈشىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ تېخى نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ئىككىسى ئوخشاش يەنى ھەقىقىي كۈچە ئاساسەن خەلىققە يۈكلەنگەن. بىزگە ئوخشاش بولغان جايى جۇڭگولۇقلار سەۋرچان، تىرىشچان، چىدامچان، ئۆزىنىڭ مىللىتىنى سۆيىدۇ،شۇڭا غەلبىسىنى تىكلىيەلىگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلىشىشى، قەرز كىرزىسىگە دۇچ كېلىشى، سىياسىتىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشى يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر.
ئامېرىكا ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە كىرىشكىنىدە، دېڭشىياۋپىڭدىن ئۈلگە ئېلىشى زۆرۈر، دېڭشىياۋپىڭ دۇنيادىكى زور كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى، جەمئىيەت ۋە سىياسەت شاۋقۇنىدا جۇڭگونى ئويغاتتى. بىزنىڭ سىياسىي كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ سىياسىي كوللىكتىپىغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشنىلا بىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئېچىپ تاشلاشنى ئەسلا خالىمايدۇ. ۋاشىنگىتوننىڭ ئەمەلدارى ھەردائىم ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل دەپ قاقشايدۇ. ئۇنداقتا بىزمۇ 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ، ھەربىي ئارمىيىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھازىرقى ۋەزىيەتتى پايدىلىنىۋاتقان دۆلىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ باقساق بولماسمۇ؟
بىزنىڭ كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئۈمىدىمىز دەل بۈگۈنكى دەرسخانىمىزدا.جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىقتىسادنىڭ كۈچى، تۇرمۇش سۈپىتى،قاتارلىقلار دەرسخانا سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئايرىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن 25 يىلدا، مەن ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا بېرىپ باقتىم. ئۆز كۆزۈم بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە مائارىپىدا ئۇچقاندەك يۈكسىلىشلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ۋە بالىلىرىمىز دۇچ كېلىدىغان رىقابەتتۇر.
بۇ ئەسىردە جۇڭگو رەھبەرلىك كۈچى ، يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم ئىگىلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور يۈكسەلدى. بىز ھەممىمىز جۇڭگونىڭ دۇنياغا نىسبەتەن تەسىر قىلىش كۈچىنىڭ زورلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. شۇڭا بىز ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي يىمىرىلىش گىرۋىكىدىن تۇتىۋېلىشقا يۈزلىنىشىمىز كېرەك.