خاڭجۇ يىشىل شەھەر بىلەن توختامنى بىكار قىلغان بارى مەمەتئېلى يېقىندا جىياڭسۇ شۇنتىيەن كۇلۇبى بىلەن توختاملاشقان ئىدى. بۇلتۇر جىياڭسۇ شۇنتىيەن كۇلۇبى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى دەرىجىگە ئېرىشكەچكە، 2013-يىللىق ئاسىيا پۇتبول چىمپىيۇن لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى ئۇيغۇر ئوغلانى بارى مەمەتئېلىنىڭ بۇ قېتىملىق ئاسىيا چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشىشى ئەلۋەتتە.بۈگۈن ئەتتىگەن جىياڭسۇ شۇنتيەن كوماندىسىنىڭ ئاسىيا پۇتبۇل جەمئىيىتىگە سۇنغان پۇتبولچىلار تېزىملىكىدە بارى مەمەتئىلىنىڭ ئىسمى بار بولۇپ ئۇ ئەتە كورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقىدە 7-نومۇرلۇق كىيىم بىلەن مەيدانغا چۈشىدىكەن.
بۇ مۇسابىقىنىڭ چىكىنى تارتىپ بولۇنغان بولۇپ ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقە 26ھۇد ئېينىڭ 26-كۈنى يەنى ئەتە كورىيەنىڭ پايتەختى سىئولدا سىئول FC كوماندىسى بىلەن جىياڭسۇ شۇنتىيەن كوماندىسى مىھمان مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ .بارلىق تورداشلارنىڭ 2013-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە جۈملىدىن بۇ ئوغلانىمىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.