يېقىندا شاڭخەي ھەممىباب ۋۇلىڭ شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى نۇسخا كىچىك تىپلىق ئۈچ كوزۇپلۇق پىكاپ باۋجۈن 330 نى رەسمىي بازارغا سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېڭى ماشىنىغا 1.5L لىق ماتور سەپلەنگەن، بەش خوتلۇق قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، ئىككى نۇسخا ماشىنا تىپى تەمىنلەيدۇ، سېتىش باھاسى 55.8 مىڭ يۈەن ۋە 59.8 مىڭ يۈەن.
سىرتقى كۆرۈنۈشتە، باۋجۈن 330 جەمەت شەكىلىدىكى ئالدى سالاسۇن لاھىيە قوللانغان، سىڭىپ كىرىش شەكىلىدىكى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئىشلەتكەن، ئازراق سىپورت تۇيغۇ بار، لاھىيەدە بىرقەدەر پىشقان. ماشىنا رازمىرى تەرەپتە، بۇ ماشىنىنىڭ رازمىرى: 4300/1748/1500mm، ئوق ئارىلىقى 2520mm، رازمىرىنىڭ تويوتا Vios نىڭكى بىلەن پەرقى چوڭ ئەمەس.
ئىچكى بېزەك تەرەپتە، باۋجۈن 330 ئۈستى قېنىق ئاستى سۇس رەڭ ماسلاشتۇرۇش قوللانغان، بىر قەدەر ئاددى بولغان T شەكىللىك مەركىزى كونترول سۇپىسى ئىشلەتكەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق رولغا ئىگە. سەپلىمىسى تەرەپتە، باۋجۈن 330 گە ئالدى رەت قوش بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش رادار سېستىمىسى، ماشىنا گەۋدىسىنى ئېلىكتىرونلۇق تۇراقلاشتۇرۇش ۋە LED بۇرۇلۇش چىرىقى قاتارلىقلارنى سەپلىگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، باۋجۈن 330 گە 1.5L لىق ئۆزلىكىدىن گاز سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 109Ps، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 135ن.م، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا بەش خوتلۇق قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان. بۇ ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى 6.3L/100km.