مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى تىلغا ئالغاندا، ھەممە كىشى فاررارى، لەمبورگىنى، پورسچى قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما ھازىر بىر نۇسخا IED Syrma ئۇقۇم مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، كىشلەرنى قايتىدىن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگۈزدى، چۈنكى بۇنىڭ بارلىق لاھىيەسىنى بىر جۇڭگولۇق چەتئەلدە ئوقىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچى تاماملىغان.
بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى، لى شىڭۋۇ، كوللىكتىپقا يىتەكچىلىك قىلىپ لاھىيەلىگەن بىر نۇسخا كەلگۈسى ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، IED Syrma ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ قىياپىتى ئازراق كۆپتۈرۈلگەن، ئىنتايىن ئاۋانگارت، گەۋدە بۆلۈش شەكىلىدىكى ئارقا چاق ئورالمىسى، ئىچىگە ئويمان شەكىلدىكى ماشىنا گەۋدىسى بار.
IED Syrma ئۇقۇم ئاپتوموبىلى تىپىنى لاھىيەلىگەن ياۋروپا لاھىيە ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى لاھىيەلەپ تاماملىغان. ئىقتىدارى تەرەپتە، بۇ ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا سەپلەنگىنى 4.0L لىق V6 قوش پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور ھەمدە بىر ئېلىكتىر ماتور ماسلاشتۇرۇلغان، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 900 ئات كۈچىگە يېتىدۇ.