شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق چېلىشىش كوماندىسىنىڭ سابىق تەنھەركەتچىسى ئەسقەر ئەبەيدۇللاف 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنى بۈگۈن ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچى شەھىرىدە قازا قىلدى.
تورى مۇخبىرىنىڭ ئېگەللىشىچە، دۆلىتىمىزگە ۋە دىيارىمىزغا ۋاكالىتەن كۆپ قېتىم چېلىشىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ،ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھارەتلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئالتۇن مىداللارغا ئېرىشكەن بۇ مەرھۇم تەنھەركەتچىمىز ۋە ئۇستاز تېرىنىز ئەسقەر ئەبەيدۇللاف 1962- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە توغۇلغان.1978-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىغا تاللىنىپ تەنھەركەتچى بولۇپ كىرگەن، 1978-يىلىدىن 1988- يىلغىچە كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىلارغا قاتنىشىپ 8 قېتىم ئالتۇن مېدال ،5 قېتىم كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن،1983-يىلى 8 - ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىندا ئالتۇن مېدال ئالغان،كىيىن تېرىنىر بولۇپ ئىشلىگەن. شۇنداقلا يەنە جۇڭگوغا ۋاكالىتەن چەتئەللەرگە چىقىپ خەلقئارالىق چېلىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ جۇڭگوغا جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭغا زور شان شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن.
ئۆز ھاياتىنى دىيارىمىزنىڭ تەنھەركەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ ئوغلانىمىز 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5 دە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 53 يېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋاپات بولدى.سۆيۈملۈك ئوغلانىمىزنىڭ ۋاپاتى بىز ئۈچۈن شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقۇتۇش، ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن!