ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ خوت ئورنى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ P خوت، R خوت، N خوت، D خوت ياكى (2)S خوت ۋە (1)L خوت بولىدۇ. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خوتلارنىڭ رولىنى بىلسىمۇ ھەمدە توغرا ئىشلىتەلىسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم بۇ ھەرپلەرنىڭ قايسى سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
خوت دەستىسى ئۈستىدىكى ھەرپلەر ئىنگلىزچە سۆزلەردىن قىسقارتىپ ئېلىنغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز ھەر بىر ھەرپنىڭ مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
1. P—Parking
خوت دەستىسىدىكى P ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Parking دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «توختىتىش» دېگەن مەنىدە.
P خوتنىڭ رولى ماشىنىنى توختىتىش بولۇپ، خوتنى P ئورۇنغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ مېخانىكىلىق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئايلىنىش بۆلەكلىرىنى قۇلۇپلاپ، ماڭمايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كىرىدۇ. ماشىنىنى توختاتقاندا، تاسادىپىي مېڭىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خوتنى P ئورۇنغا يۆتكەشتىن باشقا، چوقۇم قول خوتنىمۇ تارتىش كېرەك.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ماشىنىنى پۈتۈنلەي توختاتقاندىن كېيىن ئاندىن P خوتقا يۆتكەيمىز. ئۇنداق بولمىسا، كۇروپكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
2. R—Reverse
خوت دەستىسىدىكى R ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Reverse دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «ئارقىغا يېنىش، تەتۈر، ئارقا خوت» دېگەن مەنىدە.
R خوت ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئارقىغا يانغاندا ماي تەپكىسىنى كونترول قىلىشقا ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە خوت دەستىسىدىكى بىخەتەرلىك كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئاندىن R خوتقا سېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ماشىنا پۈتۈنلەي توختىغاندىن كېيىن ئاندىن R خوتقا يۆتكەش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، كۇروپكا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
3. N—Neutral
خوت دەستىسىدىكى N ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Neutral دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «نېيترال، خالاستاي» دېگەن مەنىدە.
N خوت ئادەتتە ماشىنىنى قوزغاتقان، سۆرىگەن ياكى ۋاقىتلىق توختىغان (قىزىل چىراغدا) ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ. ماشىنىنى قىسقا ۋاقىت توختاتقاندا، خوتنى N ئورۇنغا يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قول خوتنى تارتىپ قويۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوڭ پۇتنى تورمۇز تەپكىسىدىن ئېلىۋېتىپ، ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قىزىل چىراغدا توختىغاندا ياكى ماشىنا توسۇلۇشقا ئۇچرىغاندا خوتنى D ئورۇندا تۇرغۇزۇپ، تورمۇز تەپكىسىنىمۇ دەسسەپ تۇرىدۇ. ئەگەر ناھايىتى قىسقا ۋاقىت توختاشقا توغرا كەلسە مۇشۇنداق قىلسا بولىدۇ، بىراق، توختايدىغان ۋاقىت ئۇزۇن بولسا، ئەڭ ياخشىسى N خوتقا سېلىپ، قول تورمۇزنى تارتىش كېرەك. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت توختىغاندىمۇ D خوتقا سېلىپ، تورمۇز تەپكىسى دەسسەپ تۇرۇلسا، كوروپكا ئىچىدىكى ماينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ماينىڭ سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغان ھالەتتە تېخىمۇ ياخشى بولمايدۇ.
4. D—Drive
خوت دەستىسىدىكى D ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Drive دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «ھەيدەش، قوزغىتىش» دېگەن مەنىدە.
D خوت، يۈرۈش خوتى بولۇپ، بۇ خوتقا سالغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ماي تەپكىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. ئاپتوماتىك كوروپكا ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ۋە ماي تەپكىسىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا قاراپ خوت ئورنىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، ھەر بىر خوت ئالماشقاندىكى ماشىنا سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
5. S—Second Gear
خوت دەستىسىدىكى S ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Second دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «ئىككىنچى» دېگەن مەنىدە.
S خوت (بۇ يەردىكى S خوت ھەرىكەت شەكلىنى كۆرسەتمەيدۇ) ئادەتتە ئىككىنچى خوت بولۇپ، تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش خوتىدۇر. ماشىنىنى قوزغاتقاندا بىرىنچى خوتتا بولۇپ، ماڭغاندىن كېيىنلا ئىككىنچى خوتقا ئالمىشىدۇ. ئادەتتە يەر بىر قەدەر سىلىق بولغاندا ياكى ئاستا سۈرئەتتە مېڭىشقا توغرا كەلگەندە مۇشۇ خوت ئورنى ئىشلىتىلىدۇ. ئېگىز دۆڭگە چىققاندا ياكى بەك تىك بولمىغان يانتۇلۇقتا ماشىنىنى قوزغاتقاندا، مۇشۇ خوت ئورنىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ خوتقا سالغاندا، ماشىنا خوتىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا يۇقىرى خوتقا يۆتكىلىشىنى چەكلەپ، چوڭ كۈچ بىلەن ئاستا سۈرئەتتە ماڭغىلى بولىدۇ.
6. S—Sport
خوت دەستىسىدىكى S ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Sport دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «تەنھەرىكەت» دېگەن مەنىدە.
S خوتقا سالغاندا كوروپكا ئەركىن خوت ئالماشتۇرىدۇ، بىراق خوت ئالمىشىش نىسبەتەن ئاستىراق بولۇپ، موتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاقراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۆۋەن خوتتا موتورنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ، ماشىنىنى تېخىمۇ چوڭ تولغاش كۈچى ۋە تېزلىنىشكە ئىگە قىلىدۇ. S خوتنى يەنە ماشىنا يانداش خوتى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. S خوتنى ئىشلەتكەندە، موتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى يۇقىرى، كۈچى چوڭ بولىدۇ، بىراق راھەتچانلىقى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
7. L—Low
خوت دەستىسىدىكى L ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Low دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «تۆۋەن، ئاستا» دېگەن مەنىدە.
L خوت، تۆۋەن سۈرئەتلىك خوت بولۇپ، بىرىنچى خوت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. تاغقا چىقىپ چۈشكەندە ياكى ئۇزۇن يانتۇلۇقتىن چۈشكەندە، L خوتقا سېلىنسا، ماشىنا سۈرئىتىنى تۆۋەن سۈرئەتتە چەكلەپ، يانتۇلۇقتىن چۈشكەندە موتورنىڭ تورمۇزلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇزاق ۋاقىت تورمۇز دەسسەپ، تورمۇز ياپراقچىسىنىڭ قىزىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. L خوتتا كۇروپكا پەقەت بىرىنچى خوتتىلا ئىشلەپ، باشقا خوتقا ئالماشمايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا توسۇلۇپ قالغاندا ياكى يانتۇلۇقتا ئىشلەتكەندە ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.
8. M—Manual
خوت دەستىسىدىكى M ھەرپى ئىنگلىزچىدىكى Manual دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «قول خوت» دېگەن مەنىدە.
M خوت ئادەتتە قول خوت بولۇپ، قول ۋە ئاپتوماتىك خوت بىرلەشتۈرۈلگەن ئاپتوموبىللاردا بولىدۇ. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خوتنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى، ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنا ھەيدەشكە ئادەتلەنگەن شوپۇرلار M خوتنى ئىشلىتىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدۇ ياكى ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ. قول خوتلۇق ماشىنا ھەيدەشكە ئادەتلەنگەن شوپۇرلار بولسا M خوتنى قول خوتقا ئوخشاتمايدۇ. شۇڭا، M خوت ئادەمنى سەل گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. M خوت بىر قەدەر ئۇنىۋېرسال خوت ئورنى بولۇپ، «ھەرىكەت خوتى» قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، يەنە «دۆڭگە چىقىش خوتى» قىلىشقىمۇ، «يانداش خوتى» قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ M خوتنى ئىشلىتىش ماھارىتىڭىزگە باغلىق.