يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ھىندىستان چولپىنى شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
  • قاپلان بىلەن تىمساھ تۇتۇشۇپ قېلىپ قاپلان يېڭىۋالدى (سىنلىق كۆرۈنۈش)
  • ئىسپانىيەدە يانفون سىگنال مۇنارى قۇش ئۇۋىسىغا ئايلاندى
  • شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
  • تەيۋەن 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى
  • فىلىپپىندا 5.1 بال يەر تەۋرىدى
  • 27 يېشىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان قەززافىي نېمىشقا پادىشاھ ياكى زۇڭتۇڭ بولالمىدى؟
  • پارىژدىكى سودا سارايغا 1600 دانە قەغەز مۈشۈكئېيىق قويۇلۇپ، ھايۋاناتلارنى قوغداش مۇراجىئەت قىلىندى
  • پەلەستىندىكى بىر بانكا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلدى
  • نەچچە مىڭلىغان مۇساپىر سىتسىلىيە ئارىلىغا كىردى
  • ئاسىيادا قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى ئەڭ كۈچلۈك؟
  • مانخاتتاندا تىك قويۇلغان غايەت زور سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى نامايەن بولدى
  • يۇبىر ئامېرىكا نازارەت تارماقلىرىنى 12 مىليون ئابونتنىڭ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى
  • چاۋشيەندە كىم سۇڭجو تەۋەللۇت كۈنى خاتىرىلەندى
  • «2015-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئەخمەد نىجات: ئىران باراۋەر ئاساستىكى يادرو مەسىلىدە يېرىم قەدەممۇ كەينىگە يانمايدۇ

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2013-02-11

     

     ئەسلى تېمىسى: ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجادنىڭ دېيىشىچە، ئىران باراۋەر ئاساستىكى يادرو مەسىلىسىدە يېرىم قەدەممۇ كەينىگە قايتمايدىكەن
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېھران 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى، ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجادنىڭ 10-چېسلا ئېچىلغان ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا دېيىشىچە، ئىران غەربنىڭ جازاسىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلار دۆلەتنىڭ مەنپەتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردە يېرىم قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمەيدىكەن.
    ئەخمەد نىجادنىڭ شۇ كۈندىكى يىغىنغا قاتناشقان ئاممىغا دېيىشىچە، غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، ئىراننى چەكلىمەكچى بولغان بولۇپ، ئەمما ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قىلغىنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىران ئۈزلۈكسىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئىلگىرىلەپ ماڭىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ نۇقتا ئۈستىدە ئىراننى ئەيىبلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جول بايدىننىڭ يېقىندا كۆرسەتكەن ئىران مەسىلىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمەد نىجادنىڭ دېيىشىچە، ئىران تەرەپنىڭ تەھدىت ۋە بېسىم ئاستىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادىللىق ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ئاساسى ئاستىدا، ئەگەر ئامېرىكا قورال كۆتۈرۈپ ئىرانغا بېسىم ئىشلەتمىسىلا، ئىران تەرەپ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلىدىكەن.
    ئىراندىكى نەچچە ئون مىڭ ئامما 10-چېسلا تېھران ئەركىنلىك مەيدانىغا يىغىلىپ ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقىنى تەبرىكلەپتۇ. كىشىلەر دۆلەت بايرىقى بىلەن ئىراننىڭ مەنىۋى داھىيسى خامىنەيى ۋە ئىراننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجادنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، توختىماستىن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىگە قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىسپىھان، شىراز قاتارلىق شەھەرلەردە ئوخشاشلا ئىران ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.
    2-ئاينىڭ 11-كۈنى بولسا ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى تەبرىكلەش كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ يول باشچىسى ئاشىم چەتئەلدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىرانغا قايتىپ كېلىپتۇ. ئون كۈندىن كېيىن، ياۋرۇپاپەرەس بالىۋېي خانىدانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىراندا رەسمىي ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپتۇ.

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز