30-يانۋار، پۇخۈا يۇڭداۋ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتى« 2012-يىللىق كارخانىنىڭ سېتىۋېلىشنى ئەسلەش ۋە 2013-يىلغا نەزەر سېلىش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى ئىستراتېگىيىلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سودىسى بەش يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەنلەش كۆلىمى 2009-يىلدىكى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى پەيدا قىلغان سودا كاساتلىشىدىنمۇ ئېغىر بولغان. ئومۇملاشتۇرغاندا، 2012-يىلى جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىش سودا ئومۇمىي مىقدارى %26 تۆۋەنلەپ، سوممىسى %9تۆۋەنلىگەن، پەقەت چەتئەلدىن سېتىۋېلىش سودا سوممىسىلا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 97مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2011-يىلدىكى 134 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېلىشتۇرغاندا %28 تۆۋەنلىگەن. گەرچە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كارخانىلارنىڭ چەتئەلدىن سېتىۋېلىش سودا مىقدارى 2011-يىلدىكى 206دىن 191گە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سودا سوممىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت 2011-يىلدىكى 42 مىليارد400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئۆرلەپ 2012-يىلدىكى 65 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %54 ئاشقان.