تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھامىلدارلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك: قايناق سۇ ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹ئىچكى ئەزالارنى تازىلايدىغان سوپۇن›› لۇق رولىنى ئويناپ، ھۈجەيرە پەردىسىگە تېز سىڭىپ كىرىپ، يېڭى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېموگلوبىن مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قايناق سۇ ھامىلدار ئاياللاردىكى سېزىكلىكتىكى ھۆ بولۇش، قۇسۇشنى پەيدا قىلىدىغان ھورمۇن سۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

مىنېرال سۇ ئىچىشتە چەك قويۇلۇشى كېرەك: مىنېرال سۇ ئىچكەندە پايدىلىق ماركىلارنى تاللاش كېرەك. لېكىن ھامىلدار ئاياللار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوغۇق سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىپ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى پەيدا قىلىپ بالىياتقۇنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تازىلانغان سۇ ئىچمەسلىك كېرەك: تازىلانغان سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمنتلار يوقىلىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

چاينى ئاز ئىچىش كېرەك: چاي ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، يۈرەك سېلىش ۋە بالا مىدىرلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتالار يېمەكلىكتىكى كالتسىي، تۆمۈر ئېلېمېنتى بىلەن بىرىكىپ، كالتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بۇ تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىغا پايدىسىز.

كولا بىلەن قەھۋەنى بىللە ئىچمەسلىك كېرەك: كولا بىلەن قەھۋە ئوخشاشلا ھامىلدار ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. كولا تەركىبىدە قەھۋە ئىئونى، پىگمېنت، كاربونىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر، كالتسىي كەمچىل بولۇش كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

ھەر كۈنى بىر ئىستاكان يېڭى مېۋە سۈيى ئىچسە كۇپايە: يېڭى مېۋە سۈيى تەركىبىدە %90 تىن يۇقىرى سۇ بولغاندىن سىرت، يەنە مېۋە قەنتى، گىلۇكوزا، قومۇش شېكىرى ۋە ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۈنلۈكى ئىستېمال قىلغان مېۋە سۈيى 300 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مېۋە ئىچىملىكى تەركىبىدە يەنە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا، رەڭ ماددىسى ۋە مۇئەتتەر بار، بۇ خىل ماددىلار ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق.

ـــ ماتېرىيالدىن


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز