ئوغۇللارنىڭ يېتىلىشى قىزلارغا قارىغاندا ئاستا بولىدۇ، بەش ياشقا كىرگەن ئوغۇللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى تىلنى كونترول قىلىدىغان رايوننىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگەن قىزلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا ئاتا–ئانىلار ئوغۇللىرى ئالتە ياشقا كىرمەستىن بۇرۇن مەكتەپكە بەرسە، بالىلىرى چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا–ئانىلار ئوغۇللىرىغا تەربىيە بېرىشتە مۇنداق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك؛ ئاتا ئوغۇللىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەمدە يول باشلىغۇچىسى بولۇشى؛ ئانىلار ئوغۇللارنى ‹‹يايلىتىپ بېقىش››قا جۈرئەت قىلىشى لازىم.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/12/content_487282.htm