قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
بۇ يىل تۈركىيىگە ئوقۇغىلى كەلگەن يىڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە بۇلتۇر كېلىپ مەكتەپلەرگە ئورۇنلىشالمىغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددى تەلەپلىرىگە ئاساسەن، «چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى (YÖS)» تەييارلىق كۇرسى ئېچىلماقچى.
تۈركىيىگە ئوقۇغىلى كېلىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ۋە ياخشى كەسىپلىرىگە ئورۇنلىشىشتا كەسكىن رىقابەت بولىۋاتىدۇ. بۇ رىقابەتلەرنى ئۇتۇپ چىقىۋاتقانلار بولسا، ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلار بولىۋاتىدۇ ۋە دۆلىتى ياكى مىللىتى بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى بولمايۋاتىدۇ.
بۇ سەۋەپتىن تۈركىيىگە كېلىپ، «تۈركچە» ئۈگەنسىلا، ياخشى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشقىلى بولمايدۇ، چوقۇم «چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى (YÖS)»دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىش كېرەك.
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى بىلگەن بەزى كۇرسلار، ئوقۇغۇچىلارغا: «بىزنىڭ كۈرسىىمىز بەك ياخشى، سىزلەرنى چوقۇم سىز ئارزۇ قىلغان كەسىپكە، ئىستانبۇلدىكى، ئەنقەرەدىكى، ئىزمىردىكى مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزىشكە ھۆددە قىلىمىز » دەپ ئالداپ ، تىزىملاپ ، «قىممەت» ئوقۇش پۇلى ئېلىپ قاقتى-سوقتى قىلۋاتىدۇ، ئالداۋاتىدۇ…
ئەسلىىدە، ھىچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ.مەسىلەن: ئەگەر،مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىدا 5 ئوقۇغۇچى «100» ئالسا، ئامما قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى «4» بولسا، «100» ئالغان بىر ئوقۇغۇچى ئورۇنلىشالمايدۇ دېگەن گەپ…
بۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە دىققەت قىلشنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئۆز ئارا بىر-بىرڭىلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئالدى بىلەن ياخشى مەسلىھەت قىلىڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خەقلەرنىڭ «تاتلىق گەپلىرىگە، ۋەدىلىرىگە ۋە ۋەز-نەسىھەتلىرىگە» ئىشىنىپ كەتمەي، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىپ ئىش قىلىڭ. ئالدى بىلەن سىزنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن «قىسمىتىڭىز، تەلىيىڭىز». باشقىلار دەرسنى ئۆتۈپ قويۇپ پۇلىڭىزنى ئېلىۋىرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى تۈرك تىلى كۇرسىنى دىققەتكە ئالغان ھالدا ،سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى مەركىزىدە، «چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى (YÖS)» تەييارلىق كۇرسىدا، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00- 18:00 لەردە دەرس ئۆتۈلىدۇ ۋە 12-ئاينىڭ 2- كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن سورىساڭلار بولىدۇ:
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:
Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
‹چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى (YÖS)›بۇ ئىمتىھان قايسى پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
تۈركچە ۋە ماتىماتكا.
تۈركچە دىسەك، «TÖMER » دەپ قالماڭ. پۇتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. 02125850177 گە تېلېغون قىلىپ تەپسىلى ئۇچۇر ئېلىڭ.
تۈركىيەدە دوختۇرلۇق دېگىنى دورىگەرلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ‹ مەن ھازىر 4-يىىلقتا. كېلەر مەۋسۈم ئاللاھ خالىسا يەنە دورىگەرلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلماقچى، ئەگەر تاللىنالمىسام ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟بۇنىڭ ئوقۇش پۇلى قانداقراق دائىرىدە ؟
شۇنداق.
/?p=964
بۇ تورنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ.
مگن بۇ سۇئالنى بالدۇر سوراپ قاپتىمەن ›مەخسوس تېمىدا بىرسى بارلىقىنى كورمەپتىمەن ›سىزلەردىن ئۆزۈر سورايمەن
مەن پاسپورت ھەل قىلىپ بولدۇم تۈرۈك تىلنى ئۇزلىكىمدىن ئۈگۈنۋاتىمەن .تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى تېزراق ئەمەلگە ئېشى ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتىىنى ساقلايسىز. ياكى بەك ئالدىراپ كەتسىڭىز، تۈركىەيدە كىلىپ، كۇرسلاردا ئوقۇغاچ تۇرىسىز. تاللىنىپ قالسىڭىز ئوقۇيسىز،