2013-يىللىق تولۇق كۇرس مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى تاللاش يۈزتۇرانە ئىمتىھانى ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

2013-2014- ئوقۇتۇش يىلى ئۈچۇن، تولۇق كۇرس مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار كۈتىۋاتقان «يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا» تاللانغان ئوقۇغۇچىلارغا 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇچۇر يوللنىشىقا باشلاندى. مەيلى تاللانسۇن-تاللانمىسۇن ھەر ئەھۋالدا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر يوللاش 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىرچان بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلخەت ساندۇقلىرىنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇشىنى (كېرەكسىز خەت كېلىدىغان ساندۇقلارنى قاراشنى تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ) ئالاھىدە تەلەپ قىلىمىز.

يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا تاللانغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئىمتىھانغا تەبى بېرىشىنى ۋە سەمىمى بىر شەكىلدە پاراڭلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھاياجانلىنىشقا ھىچ كېرەك يوق. بۇ ئىمتىھانغا پۈتۈن دۇنيا بويىچە مىڭلىغان ئوقۇغچىلار قاتنىشىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تاللىنىپ چىقىشىڭىز كېرەك .ئىلتىماس قىلىشىتا ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى تولۇق ئېلىۋىلىڭ. ئىمتىھانغا چاقىرىلغان يەر، سىز تۇرىۋاتقان يەردىن بەك  يىراق بولسا، سىز خەت يېزىپ ئۆزگەتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ بىقىڭ. ئامما ئىلتىماسنىڭ قوبۇل بولۇپ-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

ناۋادا شاللىنىپ كەتسىڭىز ۋە ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇماقچى بولسىڭىز، تورىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ ۋە سىز ئارزۇ قىلغان كەسىپلەر بولسا ھەم سىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىڭىزغا مۇۋاپىق بولسا، ئىلىتماس قىلىپ تەلىيڭىزنى سىناپ بىقىڭ.

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى