سىياسى كىچىك تەرەت
«گۈلەن» ئەسەرلىرىدىن:
يازمىنى باشلاشتىن بۇرۇن دوستلاردىن بۇ يېقىمسىز،بىئەدەپ ماۋزۇ ھەققىدە كەچۈرۈم سورايمەن.خېلى بۇرۇندىن باشلاپ يېزىش يازماسلىق ھەققىدە بەكمۇ ئىككىلەندىم ،باشقا ماۋزۇلارنىمۇ كۆپ ئويلۇدۇم پەقەت ماس كەلمەي قويدى.ئەپۇ كۆزۈڭلەردە ئوقۇغايسىزلەر.
فىليەتۇن
تازا قاتتىق قار يېغىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. پارتىكوم ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر دېھقان سۈپەت كىشىنىڭ پارتىكوم قوراسىغا كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ھازىرقى ئومۇملاشقان مودا تەپەككۇر بويىچە «ھەي، مۇشۇ بىزدىكى تەربىيەسىزلىكنىزە» دەپ ئويلاپ خۇرسىنىپ قويدۇم.
ئارىلىقتا پارتىكومنىڭ قاراۋۇلى يۈگرەپ چىقتى-دە ھىلىقى دېھقانغا خەنزۇچە بىر نېمىلەرنى دەپ كالدىرلاپ كەتتى. بىردەمدە بىر ئىككى ساقچى يۈگرەپ كەلدى. نېمە بولغاندۇ ؟ دەپ زەن قويسام مۇنۇ سۇئال سوراقلار قۇلۇغۇمغا كىردى.
_پارتىكومغا كىچىك تەرەت قىلىشتا قانداق سىياسىي غەرىزىڭ بار؟
_پارتىكوم دېگەن پارتىيەگە دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ بىلەمسەن؟
_سەن قاچاندىن بېرى پارتىكومغا كىچىك تەرەت قىلىشنى پىلانلىغان، شىرىكلىرىڭ كىم؟
_ئىقرار قىلىپ شىرىكىلىرىڭنى پاش قىلساڭ كەڭچىللىكە ئېرىشىسەن، جاھىللىق قىلساڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزەڭ ئىگە!
سوراقچىلار سورىغانچە ھاياجانلىنىپ باراتتى. بىچارە دېھقان ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىمۇ ئۇقالماي قول باغلاپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆز تىلىدا يالۋۇراتتى. تىل بىلگەندىكىنبېرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگۈم كەلدى. لېكىن ئارتۇق ئىشقا چېتىلىپ بالاغا قېلىشتىن قورقۇپ پېتىنالمىدىم. كاللامدا كىچىك تەرەتتە سىياسىۋىيلىكىنىڭ بار يوقلىقى ھەققىدىكى گۇمان ئەلەڭگىيىتتى. تۇيۇقسىز ئېسىمگە كىچىك چېغىمدا دادامدىن مازېدوڭ خەنزۇمۇ ئۇيغۇرمۇ ؟ دەپ سوراپ قويۇپ بىر تەستەك يىگىنىم ئېسىمگە چۈشتى-دە بىر نەرسىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم.. دادام شۇ چاغدا _دۇنيادا ئىنقىلابچى ۋە ئەكسىل ئىنقىلابچى دېگەن چەك چىگرا، ئشچى دېھقان ۋە پومىشچىك دېگەن سىنىپلا بار. ئۇيغۇر ،خەنسۇ دېگەن گەپ يوق. بۇنداق زەھەرلىك ئەكسىيەتچى گەپنى كىمدىن ئۆگەندىڭ ؟ ھەممە نەرسىدە سىنىپىيلىق بولىدۇ، بۇ گەپلەرنى ساڭا چوقۇم مېنىڭ سىنىپىي دۈشمەنلىرىم ئۆگەتتى. ئېيتە ئۇلار زادى كىم؟ دەپ ۋارقىراپ كەتكەنىدى. ئۇ كۈنى قار ياغمىغان لېكىن يۈرۈگۈم مۇزلاپ تاياقتىن تولغۇنۇپ كەتكەنىدىم .ئۇچاغدا بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا چۈشەنمەپتىكەنمەن. بۈگۈنچۇ؟ كاللامدا سىنىپيلىق، سىياسىيۋىيلىق دېگەندەك سۆزلەر پىرمىدادەك دۆۋلەشمەكتە ئىدى. ئىسمىم پىرامىدانىڭ ئەڭئاستىدا ماڭا يىلىنىپ يىغلىماقتا ئىدى.
http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=1055&extra=page%3D1
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: سىياسى كىچىك تەرەت