ئابدىۋىلى ئايۇپ گۈلەن: تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
يۈرەكىمگە ئاچچىق ئازاپلار،
سالغان شۇ كۈن يادىمدا ھېلھەم.
ئۆتكەن يىلقى «20» ئاۋغۇسىت،
«قورقۇنۇچلۇق» قورقىمەن ھەردەم.
قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالغان،
شۇم خەۋەرلەر ھۈكۈم سۈرگەندە.
چىدىمىدىم يىغلىدىم ئاچچىق،
بەخىتسىزلىك سىزگە كەلگەندە.
ئۈمىد كۈتۈپ ساقلىدۇق سىزنى،
گۈلەن ئۇستاز ھامان چىقار دەپ.
ئانا تىلغا باغلاپ مۇھەببەت،
تۇردۇق سىزنى ھەرداۋام ئەسلەپ.
زەپمۇ تەستە ئۆتتى بۇ بىر يىل،
ئون ئەسىردەك تۇيۇلدى ھەتتا.
قىشنى قوغلاپ باھارمۇ كەتتى،
تۇمۇز ئىسسىق ئۆتتى بەك ئاستا.
بۇلۇت كىتىپ ئېچىلدى ھاۋا،
گۈلەن ئۇستاز ئاخىر چىقتىڭىز.
كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم،
قەھرىتاندا مېھىر بەردىڭىز.
يۈرەكلىرىم يايرىدى كۈلۈپ،
ھاياجاندا كۆز يېشىم تارام.
قۇياش قايتا كۈلۈپ باققاچقا،
ھەممە كۈلدى ساقايغاچ يارام.
يازما ھوقۇقى: LUE
يازما ئادىرىسى: ئابدىۋىلى ئايۇپ گۈلەن: تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا