لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوندا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىۋى باپ ناخشا – مۇزىكىللىرىنى ئورۇنلايدىغان سەنئەت گۇرۇپىسى بولۇپ، ئانسامبىلىمىزنىڭ ھازىرقى ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن، قىرغىزىستاندىن ۋە بىرقانچە ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان ئەنگلىيەلىك ئېنگىلىس مۇزىىكا ھەۋەسكارلاردىن تەشكىل تاپقان. ئانسامبىلىمىزنىڭ ئورۇنلايدىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ئاساسلىغى ئۇيغۇر مۇزىكا تىڭشاق ئاھاڭلىرى، ئىجادىي ۋە خەلق ئاھاڭلار بۇلۇپمۇ ئىلى خەلق ناخشا – مۇزىكىللىرى ھەم ئەنئەنىۋي ”ئۇيغۇر 12 مۇقامى“ نى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۇنىدىن 13- كۇنىگىچە نورۋىگىيەنىڭ فوردېى شەھرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بەردى.
London Uyghur Ensemble: ”FØrde Folk Festival“, FØrde, Norway 09/7/2010
ئانسامبىلىمىز 2004 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز سەنئەت پروگراممىلىرىمىزنى تەييارلاپ چىقىش، ئانسامبىلىمىزنىڭ كەسپى ۋە تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن جاپالىق ئىشلىدۇق. ئانسامبىلىمىز مۇزىكانتلرىنىڭ بەزىللىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەنگلىيەگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن كەلگەن بۇلۇپ، بىز ئوزىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىللىرىنى لوندوندا ئاممىۋى شەكىلدە كورسىتشنى ”لوندون 2005- يىلىق مۇساپىرلار بايرىمى“ دىن باشلىدۇق. ئانسامبىلىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەرگەن كونسېرتلىرى توۋەندىكىچە:
1. 2005- يىلى نويابىردا لوندون ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاسىيا – ئافرىكا ئىنىستىتۇتى
تەرپىدىن تەشكىللەنگەن ”تۇرۇك تىلىدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا
فېستىۋالى“ دا ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسەتتى.
2. 2006- يىلى مارت ئېيىدا كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتتى تەرپىدىن تەشكىللەنگەن ”نوۋرۇز“
بايرىمىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئۇرۇندىدى.
3. 2007- يىلى ماي ئېيىدا لوندوندا ئوتكۇزۇلگە ”باھارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە
تۇركىيە مۇزىكىسى بىلەن كۇتۇۋېلىش“ سەنئەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن سەنئەت
نومۇرلىرىنى كورسەتتى.
4. لوندوننىڭ كەمدىن رايونلۇق يەرلىك
ھوكۇمتى تەرپىدىن بۇ يىل 6- ئاينىڭ 22 كۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان
”2007- يىللىق مۇساپىرلار ھەپتىلىگى“
پائالىيىتىدە ئاناسمبىلىمىز ئۇيغۇر سەنتىدىن نومۇرۇرلار كورسەتتى.
5. ئانسامبىلىمىز 2007- يىلى ئوكتەبىرنىڭ 13- كۇنى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ پايتەختى دۇبلىن شەھىرىدە دۇبلىن ئىنستىتۇتى تەرپىدىن ئوتكۇزۇلگەن ”12- نوۋەتلىك خەلقئارالىق خىتاي ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا مۇزىكا ئىلمى يىغىنى“ دا ئۇيغۇر خەلق ناخش-مۇزىكىللىرىدىن ئويۇن كورسەتتى.
6. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008- يىلى 11 ئاپرىل كۇنى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان St Ethelburgas’ ”تېنىچلىق ۋە يارشىش“ مەركىزىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كورسەتتى.
7. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008- يىلى 12- ئىيۇل كۇنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا لوندون شەھەرلىك ھوكۇمەت، لوندون سەنئەت ھەمكارلىق شىركىتى ۋە لوندون پادىشاھلىق باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ”لوندون 2008- يىللىق مۇھاجىرەتتىكى مىللەتلەر سەنئەت فېستىۋالى“ (“Diaspora London Music Village 2008″) غا قاتنىشگىپ، 45 مىنۇت ئۇيغۇر ناخشا-مۇسىكا ۋە ئۇسۇلىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسەتتى.
8. ئانسامبىلىمىز يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبىغا جايلاشقان دەۋون، سىدموۇتھ شەھرى تەرپىدىن 2008 – يىلى 7-ئاۇغۇست كۇنى ئوتكۇزۇلىدىغان ”2008- يىللىق سىدموۇتھ خەلق مۇزىكا بايرىمى“ (Sidmouth Folk Festiwal) غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە گۇزەل سەنئەتىنى فېستىۋال تاماشىبىنلارغا تونۇتتى.
ئانسامبىلىمىز كېلىۋاتقان يېڭى يىل- 2009- يىلىغا قارىتا (London Islington Folk Club) لوندون ئىسلىڭتون فولك كلۇبى 1- ئاينىڭ 29-كۇنى ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىدىن كونسېرت بېرىشكە تكلىپ قىلدى. لوندون ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاسىيا – ئافرىقا ئىنىستىتۇتى 2- ئاينىڭ 17- كۇنى SOAS Brunei Gallery دا ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسىتىشكە تەكلىپ قىلىندى.
ئانسامبىلىمىز ئورۇنلايدىغان كونسېرتلارنىڭ تەپسىلاتىنى توۋەندىكى بەتتىن كورۇڭ:
ئانسامبىلىمىز ئورۇنلايدىغان كونسېرتلارنىڭ تەپسىلاتىنى توۋەندىكى بەتتىن كورۇڭ >>
ئانسامبىلىمىز يەنە لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى يىغىلىش – پائالىيەتلىرىدە سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كورسۇتۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيە خەلقىگە كەڭ دائىرىدە تۇنۇشتۇرۇش ئانسامبىلىمىزنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر.
رەھىمە مەخمۇت ( ناخشىچى)
(Rahimä Mahmut (singer
رەھىمە ئىلى ۋادىسىدا بىر دىنىي ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۇ ناخشا ئېيتىشنى دەسلەپتە ئانىسىدىن
ئۇگەنگەن. مەھەلىلەردە داۋاملىق بۇلۇپ تۇردىغا مەشرەپ ئۇنىڭ ئۇچۇن ئىلى ۋادىسىنىڭ
يەرلىك ئاھاڭلىرى ئۇگۇنىشىگە مۇھىم مەكتەپ بولغان. رەھىمە مەشرەپلەردە ئاكسى دۇتار
چالسا تەڭكەش بۇلۇپ ناخشا ئېيتقان. رەھىمە لوندوندا ياشىغاندىن بۇيان يېڭى
نەشىردىن چىققان ئۇن- سىن پلاستىنكىللىرى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ناخشىلارنى ئۇگۇنىشنى
داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
نىزامىدىن سەمەتوۋ (تەمبۇر)
(Nizamidin Sametov (tämbur
قىرغىزىستاندا خېلە سالماقنى ئىگەللىگەن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. كوپىنچە ئۇيغۇرلار
”مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى“ ۋاقتىدە خىتايدىن قېچىپ كەلگەن. ئۇلار قىرغىزىستاندىكى مۇساپىرلىق
ھاياتىدا ئانا ۋەتىنىنىڭ مەدەنىيەت – ئەنئەنىۋىللىرىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلگەن. نىزامىدىننىڭ
گىتار چېلىشقا بولغان ئىشتىياقىدىن باشقا، ئۇ يەنە بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر چالغۇ
ئەسۋاپلىرىنى – داپ، دۇمباق، دۇتار، تەمبۇر قاتارلىقلارنى ئەنئەنىۋى ئاھاڭلاردا چېلىشنى
قىرغىزىستاندىكى پىشقەدەم مۇزىكانتلاردىن ئۇگەنگەن.
يالقۇن ئابدۇرەھىم (ئۇسۇلچى)
(Yalckun Abdurehim (ussulchi
يالقۇن ئابدۇرەھىم قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە 11 يېشىدىن باشلاپ ئۇسۇل ئويناش كەسپىنى ئۇگەنگەن. ئۇ 1991- يىلى ئەنگلىيەگە كەلگەندىن بۇيان بالېت ئۇسۇلى، ھازىرقى زامان ئۇسۇلى ۋە ئۇسۇل لاھىيەلەش كەسپىنى 1993-يىلىچىچە ئۇگۇنىدۇ. يالقۇن ئوقۇشىنى تاماملاپ ئىسرالىيەنىڭ بات دور ئۇسۇل شىركىتى، ئېنگلىس دولەتلىك بالېت، ئېنگلىس دولەتلىك ئوپېرا، ماتتھەۋ ھاۋكىنس ئۇسۇل شىركىتى، ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئوپېرا، گوليدەبوۇرنە ئوپېرا، ئوپېرا نورتھ، دانىيەنىڭ پېتېر سچاۇففۇس بالېت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نومۇر كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدا ۋە ياۋروپادا مەخسۇس ئويۇن كورسۇتۇش سەپىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. يالقۇن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئوز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى قايتىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.
ستىفەن جونىس (ئىسكرىپكا / غېجەك)
(Stephen Jones(violin/ghijäk
ستىفەن جونىس بولسا بىر كەسپى ئىسكرىپكىچى. ئۇ ھەمىشە ئەنگلىيەدىكى داڭلىق مۇزىكا
ئورچېسترالىرىدا مۇزىكا چالدۇ. ئۇ خىتاي مۇزىكا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتخەسىس.
ستىفەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئەنگلىيەدە بىرقانچىلىغان خىتاي
مۇزىكا گۇرۇپىللىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ھازىر غىېجەك چېلىشنى ئۇگۇنۇۋاتىدۇ.
رەيچېل ھاررىس (دۇتار)
(Rachel Harris (dutar

رەچېل ھاررىس لوندون ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئاسىيا – ئافرىقا ئىنستىتۇتىدا
مۇزىكاشۇناسلىق ئىلمىدىن دەرىس بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تېما
قىلغان بۇلۇپ، ئۇ بىرقانچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ۋە ئۇ ئۇيەردە دۇتار چېلىشنى ئۇگەنگەن.
رۇستەم سالىيېۋ (داپ)
(Rustem Saliyéw (dap
رۇستەم سالىيېۋنىڭ ئەسلى يۇرتى قىرغىزىستاندىن. ئۇ ھازىر لوندوندا ياشايدۇ. رۇستەم داپ چېلىشنى نىزامىدىندىن ئۆگەنگەن. ئۇ ئانسامبىلىمىزغا يېقىندا ئەزا بولۇپ كىردى.
كامىل ئابباس (غېجەك / تەمبۈر)
Kamil Abbas (ghijek-tambur) a
تالانتلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتى كامىل ئابباس ئەپەندى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى چېلىشقا باشلىغان. كامىل ئابباس ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئوپېرا سەنئەت ئۆمىكىگە كەسپىي مۇزىكانتلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مۇزىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازانغان. ئۇ ئۈرۈمچى ئوپېرا ئۆمىكىدە ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە “ئارشىن مالالان”، “غەرب –سەنەم”، “غۇنچەم”، “كۈرەش يولى” قاتارلىق تىياتىرلاردا مۇزىكا چالغان. كامىل ئابباس ئائىلىسى بىلەن بىللە ياۋروپاغا كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن خانىمى گۈلەندەم ئابباس بىلەن بىرلىكتە گوللاندىيىدە “مەشرەپ” ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى تەشكىللەپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. 1995 -يىلى مەشرەپ ئانسامبىلىنىڭ “مەشرەپ” ناملىق چد پلاستىنكىسى نەشردىن چىققان. كامىل ئابباس 2008- يىلىدىن بۇيان بېلگىيىدىكى “فلوە-فلوە” قورچاق تىياتىرخانىسىدا مۇزىكانت بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. كامىل ئابباس ئەپەندى 2004- يىلىدىن بۇيان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ياۋروپا سەھنىلىرىدە ئىجرا قىلىپ ئۆزنىڭ كەسپىي مۇزىكا تالانتىنى نامايان قىلماقتا.
ئەزىز ئەيسا ( قۇرغۇچىسى/يىتەكچى)
(Aziz Isa (founder/administrator
ئەزىز ئەيسا تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 2001- يىلىدىن باشلاپ لوندوندا ياشىغاندىن بۇيان بىرقانچە قېتىملاپ ئۇيغۇر جەمىيىتى پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئوتكۇزۇپ ئۇيغۇرلارنى ئەنگلىيە جەمىيىتىدە تۇنۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. بۇ پائالىيەتلەر نەتىنجىسىدە بۇگۇنكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلۇپ چىققان. ئۇ ھازىر لوندوندا تەرجىمان ۋە تور بەت لاھىيەلىگۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە