ئۇيغۇر سەنئىتى لوندون سەھنىللىرىدە
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (ئۇيغۇر ئەزىزى) 2006-يىلى 17-ماي. لوندون
ناخشا-مۇزىكا دېمەك بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللىي كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئويغىتىدىغان، ئۆز زامانىدىكى شادلىقى ۋە قايغۇسىنى يارقىن ئاھاڭ ۋە مۇڭلۇق ئاۋازلار بىلەن ئىپادە قىلىدىغان بىر سەنئەت شەكلىدۇر. بولۇپمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن سەرسان بولۇپ يات ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى كۆپ خىل ۋە چوڭقۇر، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى تېخمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە بولىدۇ.
مانا مۇشۇ نۇقتىنى تۇلۇق تونۇپ يەتكەن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ۋە ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن، تالانت ئىگىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، بۈگۈنكى سىياسىي ئەھۋالى ۋە مول مەدەنىيىتىنى برىتانىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش يولىدا بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ”لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى“ ( بۇرۇنقى ئىسمى لوندون ئۇيغۇر مۇزىكا گۇرۇپپىسى) نى تەشكىللەپ چىقتى ۋە 2005- يىلى 21- ماي كۈنى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەزكۇر لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارمىقىدىكى كەسپى ئۇيغۇر سەنئەت ئانسامبىلىغا ئايلاندى.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەشكىللىنىپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۇ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يوقلۇقتىن مەۋجۇدلۇققا قاراپ مېڭىشى، جاپالىق مەشىق قىلىشى ۋە ئەنگلىيىلىك ئۇيغۇر مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى، يېقىندىن قوللىشى تۈرتكىسىدە، مەزكۇر ئانسامبىل لوندون سەھنىلىرىدە كوپ قېتىملاپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ھازىر 6 نەپەر سەنئەتچىسى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى نەپىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورلىرى رەيچېل ھاررىس( ئانسامبىلدا دۇتار چالىدۇ ) ۋە سىتېفىن جونېس ( ئانسامبىلدا ئىسكىرىپكا چالىدۇ) لار، قالغان 4 نەپىرى بولسا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلادىن بولۇپ، ئۇلار نىزامىدىن سەمەتوۋ ( تەمبۇرچى )، رەھىمە مەھمۇت ( ناخشىچى)، غۇلام ھاجى (راۋابچى) ۋە ئابلەت مەتنىياز ( داپچى ۋە ئېلېكترونلۇق سازچى) دىن تەركىپ تاپقان.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2005- يىلى 19- ئىيۇن كۈنى لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن قاتناشقان ”پاناھلانغۇچىلار بايرىمى“ دا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا نومۇرلىرىنى لوندوندا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئورۇنلاشتىن باشلاپ تاكى بۇگۇنگە قەدەر 7 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى لوندوننىڭ ھەر قايسى سەھنىلىرىدە ياڭراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن گەۋدىلىك بولغانلىرىدىن 2005- يىلى 4- دېكابىر كۈنى لوندون بروملېي پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى“ پائالىيىتى؛ 2006-يىلى 3- فېۋرال كۈنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتى برۇنېي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ”تۈركىي تىللىرىدا سوزلىشىدىغان ئەللەرنىڭ مۇزىكا كونسېرتى“ ۋە 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى لوندون ھورنسېي ئاتاتۈرۇك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”3-نۆۋەتلىك تۈرك مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالى“ دۇر.
مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز كۆرگەنلىرىم ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۇتۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەيلى ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى چوڭ ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىلاردا ياڭرىسۇن، ياكى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان لوندوننىڭ مەركىزى باغچىلىرىدا، تار كوچىلىرىدا ياڭرىسۇن، ئەگەر سىز شۇ مەيداندا بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغىنىڭىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىسىز ۋە بۇ سەرسانلىق بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزدە چەتئەللىكلەرگە ”ئۇيغۇر“ دېگەن ئىسىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي قانچە قېتىملاپ ئاچچىق بولۇپ كەتكەن چاغلىرىڭىزنى دەرھال ئېسىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا، تەمبۇرنىڭ بۇلبۇلدەك ياڭراۋاتقان خۇش ئاۋازىغا قوشۇلۇپ يۇقىرى ئاھاڭدا ئېيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن:
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئىجىراسىدىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى «لەۋەن يالا» نى ئالااڭ :
“ …كىچىك بالىلار ئوينايدۇ يەي تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،
غېرب باللا يىغلايدۇ يەي ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ…
تاغلاردىن ئورۇن ئالدۇق، باغلاردىن ئورۇن تەگمەي…
ئۆز يۇرتلاردىن ئايرىلدۇق…دۈشمەنگە بويۇن ئەگمەي…“
…. ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىشىنىمەنكى كۆزىڭىزگە كەلگەن ياشلىرىڭىزنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن توختتالمايسىز. ئەلۋەتتە شۇ دەقىقىدە ھەر قانداق بىر چەتئەللىك ئالدىراش مېڭىۋاتقان قەدىمىنى توختىتىپ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن ”بۇ قايسى دۆلەتنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ مۇزىكىسى؟“ دېگەندەك سوئاللارنى سورىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئالقىشلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەي سىز بىلەن خوشلاشمايدۇ. دېمەك مەدەنىيەتلەشكەن ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان غەرب ئەللىرى ئۇچۇن سەنئەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەقىقەتەنمۇ مۆلچەرلىگۇسىزدۇر.
مېنىڭ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە بۇ خەۋەرنى يېزىپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشۈمگە تۇرۇتكە بولغان مۇھىم سەۋپلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئورۇنلىغان سەنئەت كونسېرتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەنگلىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان ”The Independent“ (مۇستەقىللىق گېزىتى) دە 7-فېۋرال كۈنى بېسىلغان بىر پارچە خەۋىرىدۇر.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ كەسپىي يېتەكچىسى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئىلمى دوكتورى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا تەتقىقاتچىسى رەيچېل ھاررىسنى زىيارەت قىلدىم. مەن دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىمدىن ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق قىلغانلىقى، دۇتار چېلىشنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى ۋە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەن 1991-يىلى بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قەشقەرگە باردىم ۋە ئۇيەردە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر دۇتار، راۋاب مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ماڭا غەيرىي ئاڭلانغان ئىدى ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى مېنىڭ يۈرىكىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. مەن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن 1999- يىلىدىن باشلاپ ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يېتەرلىك تالانت ئىگىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىمدىن كوپ مەمنۇنمەن. ھەم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىشتا ناھايىتى قىزغىن بولغاچقا بىز ئاخىرى بۇ ئانسامبىلىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى غۇلجا خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلايمىز. ئارتىسلىرىمىزدىن تەمبۇر چالىدىغان مۇزىكانتىمىز قىرغىزىستاندىن، ناخشىچىمىز بولسا غۇلجىدىن. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى ئورۇندىشى كۆپ مەنىگە ئىگە ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى رايون خاراكتېرلىك پەرقلىرى ۋە ئوخشاشلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئوخشاشلىقىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. مەن ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. مەن ئويلايمەن بۇ ئۇيغۇر ئانسامبىلىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى ئەلۋەتتە ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن كۆپ پايدىسى بار. بىز بۇ يىل يازلىققا مەشرەپ ئوينايمىز. بىز بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بېرىچە ئەنگلىيىدە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ پائالىيەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئىنگلىزلارغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ، مۇزىكىسىنىڭ برىتانىيە جەمئىيىتىگە ياخشى تونۇلۇشىنى، ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى ئومۇت قىلىمەن“.
يەنە رەيچېل ھاررىس خانىمنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۇ 2006- يىلى 3- ئاينىڭ 24 -كۈنى كەمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشقا تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا نورۇز بايرىمى پائالىيىتىگە يېرىم سائەت ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئورۇنداشقا، ھەم لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ”لوندون 2006- يىللىق پاناھلانغۇچىلار بايرىمى“ غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىپتۇ.
مەن ئاخىرىدا دوكتۇر رەيچېل ھاررىس خانىمغا مىننەتدارلىقىمنى ئېيتىپ ۋە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تىلەپ سۆھبىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇم.
بايانلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەت مەملىكەتلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ ھورنسېي ئاتاتۈرۇك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”3-نۆۋەتلىك تۈرك مەدەنىيەت-سەنىئەت فېستىۋالى“ دا تىياتىرخانا تېمىغا ئېسىلغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇ بىر كەلىمە سۆزىنى ھەدىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
”ئۆز سەنئىتىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ بىر ھايات تۇمۇرى كەمدۇر“
ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت! (تۈگىدى)
ئۇيغۇر ئەزىزى يازدى.
بۇ ماقالە 2006- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىيىتىنىڭ تور بېتىگە يېزىلغان ۋە شۇ مەنبە ئاساسىدا بۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر سەنئىتى لوندون سەھنىللىرىدە