مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكا رايونلۇق(يېڭىشەھەر رايونى) خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەھكىمە ئاممىنىڭ ئامانەت قويغان پۇلىنى قانۇنسىز يىغىش دېلوسىنى 2008 – يىلى 12 – ئايدا سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق دېلودىن جەمئىي سەككىزنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇ دېلولاردا ئالدانغان ئامما 1000دىن، چېتىشلىق پۇل 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئالدانغانلار ئىچىدە ياشانغانلار %80تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن.
مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىدا دېلوغا چېتىشلىق پۇل، شۇنىڭدەك زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دېلوغا چېتىشلىق تۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، ئائىلە مۇلازىمەت تۈرلىرى بولغاچقا، ئاسان ئالدامچىلىق قىلغىلى بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ مەبلەغ سېلىشقا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك ئۇچۇر مەنبەسى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، ئاسانلا زىيانلانغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق دېلولاردا تەكشۈرۈلگەن زىيانلانغۇچىلار يەككە تىجارەتچى، مەمۇر، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە چېتىلىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار روھىي ھالىتىنى جەزمەن توغرىلىشى، مەبلەغ سېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، تۈرلۈك قىزىقتۇرۇشلاردىن ئاڭلىق مۇداپىئەلىنىشى، يۇقىرى پايدا بېرىدىغان، تېز بېيىيدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىن ھوشيار بولۇشى، سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىشى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلمىشلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالماسلىقى لازىم.
(ئۆز خەۋىرىمىز)
مۇھەررىر : ئامانگۈل
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى