‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا ئىزاھات››تا مۇنداق بەلگىلەندى:
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭ شەھىرىدىكى ‹‹15 – ماي›› قاتناش ۋەقەسى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭ دىڭشەن شەھىرىدىكى ‹‹25 – ماي›› ئوت ئاپىتى، تيەنجىن پورتىدىكى ‹‹12 – ئاۋغۇست›› پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر بىر قاتار ئېغىر ۋەقەلەر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، جەمئىيەتكە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزگەن جىنايى ئىشلا دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات››(تۆۋەندە ‹‹ئىزاھات›› دېيىلىدۇ)تا، مۇشۇنداق دېلولاردىكى ئەيىبلەش، سوت ئېچىش جەريانلىرىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، جىنايەتكە ئالاقىدار سۇبيېكت دائىرىسى، جىنايەت بېكىتىش، جازا بېرىش ئۆلچىمى، ئېغىر ۋە يېنىك جازالاشتا جىنايەت دەرىجىسىنى كونكرېت تەتبىقلاش، شۇنىڭدەك ئالاقىدار دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىيانەت، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى بېكىتىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە نىسبەتەن قاراتمىلىقى بولغان بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى.
‹‹ئىسمىنى يوشۇرغان پايچىك›› مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 4 – كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن لياڭجې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزۈپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنىڭ جىنايەت نامى توغرىسىدا، جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن خەتەرلىك بۇيۇملار ۋەقەسى جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەر توغرىسىدا جىنايەت بېكىتىش، جازا بېرىش ئۆلچىمى بولمىغانلىقتىن قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنىدى. ‹‹ئىزاھات››تا: پىرىنسىپ جەھەتتە، بىر كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى ئېغىر يارىلانسا ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليون يۈەنگە يەتسە، جىنايەت ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.
ئىلگىرى بەزى دۆلەت خىزمەتچىلىرى ياكى ئالاھىدە ۋەزىپە سالاھىيىتىگە ئىگە شىركەت، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىلەردىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت كارخانىلىرىغا پاي قوشۇشىغا بولمايدۇ، دېگەندەك مەنئى قىلىش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، شىركەت ۋە كارخانىلارغا باشقىلارنىڭ نامىدا پاي قوشۇپ، ئۆزىنىڭ پايچىكلىك سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ‹‹ئىسمىنى يوشۇرغان پايچىك›› بولۇۋالغان.
‹‹ئىزاھات››تا ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋەقەسى جىنايىتى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى، ئېغىر بىخەتەرلىك ۋەقەسى جىنايىتى ۋە بىخەتەرلىك ۋەقەسى جىنايىتىنى مەلۇم قىلمىغان، يالغان مەلۇم قىلغان سۇبيېكت دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ياكى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنىڭ دۆلەت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالاقىدار جىنايەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى جىنايەت سۇبيېكتى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلسا قەستەن قاتىللىق قىلغان دەپ بېكىتىلىدۇ
‹‹ئىزاھات››تا ۋەقە جەريانىدا قۇتقۇزۇشقا قەستەن توسقۇنلۇق قىلىش، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قەستەن تاشلىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش ئېنىق كۆرسىتىلدى.
ئىلگىرى بەزى قارا كۆمۈر كانلار، كان خوجايىنلىرى بىخەتەرلىك جەھەتتە ۋەقە كۆرۈلگەندىن كېيىن، پاكىتنى يوشۇرۇپ، قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىمەي ۋە ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلماي، ئەكسىچە ۋەقەنى قەستەن يوشۇرۇپ، ۋەقەدە يارىلانغۇچىلارنى قەستەن تاشلىۋېتىپ، ھەتتا ۋەقە يۈز بەرگەن كان قۇدۇقىنى ئېتىۋېتىپ، قاپسىلىپ قالغان، يوشۇرۇپ قويۇلغان، تاشلىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئېغىر يارىلىنىشى ياكى ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. ‹‹ئىزاھات››تا يۇقىرىقى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ياكى قەستەن يارىلاندۇرۇش جىنايىتى دەپ بېكىتىپ، جازالاش كېرەكلىكى ئېنىق بېكىتىلدى.
‹‹ئىزاھات››تا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنى تەتبىقلاش شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شېن لياڭجېي مۇنداق دېدى: جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى. قانۇندا بۇ جىنايەتكە بېرىلىدىغان جازا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مۇددەتلىك 15 يىللىق بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى، بۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئىچىدىكى ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنى تەتبىقلاش نىسبىتى تۆۋەن بولدى. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، ‹‹مەجبۇرلاش›› دېگەن سۆزنى چۈشىنىش مۇۋاپىق بولمىدى. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلىغان بەزى قىلمىشلار خاتا ھالدا ئادەتتىكى مەسئۇلىيەت ۋەقەسى دەپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن جازا تولىمۇ يېنىك بولۇپ قالدى. ‹‹ئىزاھات››تا بۇنىڭغا قارىتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلىغان ياكى ھەيۋە كۆرسىتىش، زورلاش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەشغۇلات قىلىشقا ياكى ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپىنى قەستەن يوشۇرۇپ، باشقىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەشكىللىگەنلەر باشقىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا مەجبۇرلىغان، دەپ بېكىتىلىدۇ.
ۋەقەگە ئالاقىدار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى قاتتىق جازالىنىدۇ
نۇرغۇن ئېغىر، ئالاھىدە چوڭ ئىشلەپچىقىرىش، بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ كەينىگە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىيانەت قىلىپ پارا ئېلىش ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك قىلمىشلار يوشۇرۇنغان. قانۇن ئورگانلىرى ۋەقە سادىر قىلغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار خادىملىرىنى جازالاپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ۋەقەنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جىنايىتىنى قاتتىق جازالىشى كېرەك.
‹‹ئىزاھات››تا مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پاي قوشۇپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەزكۇر ‹‹ئىزاھات››تا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ھەم بۇ قىلمىشى بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن باغلىنىشلىقى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا خىيانەت سادىر قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە بىر نەچچە جازانى قوشۇپ ھېسابلاش بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
‹‹ئىزاھات››تا ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان ئېغىر جازا بېرىشتىكى كونكرېت ئەھۋالغا قارىتا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قانۇن بويىچە بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ياكى ئالغان بولسىمۇ ئىجازەتنامىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئىجازەتنامىسى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان، ئىناۋەتسىز قىلىنغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛ زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش، سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تاقىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەنلەر؛ ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپى بايقالغان، ئالاقىدار تارماق ۋە شەخسلەر ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ تەدبىر قوللانمىغانلار؛ بىر يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن مەمۇرىي جازا ۋە جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىلگەنلەر؛ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛ بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مال – مۈلكىنى يۆتكەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار.
‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن
مۇھەررىر : ئامانگۈل
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى