− ئۈرۈمچى شەھىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت سوئال
مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ تەپتىشلىكى ئۆمىكىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى. يىل ئاخىرىغىچە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ تەپتىشلىكى ئۆمىكىنىڭ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەتتە رايون، بىر ناھىيە «دۆلەت تەكشۈرۈشى»نى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ «ئۆلچەمگە يېتىش ئىمتىھانى»غا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى 2010 - يىلى 5 - ئايدا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، 2015 - يىلىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇخبىرىمىز يېقىندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەننى زىيارەت قىلدى.
1 - سوئال: تەڭپۇڭ تەرەققىيات «تەڭ قەدەمدە مېڭىش»مۇ؟
مۇخبىر: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ليۇ جيەن: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ئاساسلىقى يۇمشاق ۋە قاتتىق ماتېرىيال جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى كۆرسىتىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىگە يېتىشى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ تۇنجى پەلەمپىيى بولۇپ، مەكتەپ شارائىتى ئوقۇتۇش بىناسىدىن ئىبارەت بۇ تاشقى ئەسلىھەنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى، ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سانى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق بولۇشى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە بىر جەھەتتىن، يۇمشاق ماتېرىيال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قوشۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تەلىم - تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئاستا - ئاستا ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىز ئېيتىۋاتقان تەڭپۇڭلۇق «چوققىنى تۈزلەپ جىلغىنى تىندۇرۇش ئۇسۇلى» ئەمەس، شۇنداقلا «تەڭ قەدەمدە مېڭىش»مۇ ئەمەس. تەڭپۇڭ تەرەققىيات بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلۇقى، مەكتەپ شارائىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئېھتىياجنى قاندۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئۇ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى «بىردەك بولۇش» دېگەنلىك ئەمەس. پۇقرالارنىڭ مائارىپ ئېھتىياجى ھازىر «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»، تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش، تېخىمۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش دەرىجىسىگە يەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015 - يىلى دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەڭپۇڭلۇق دەرىجىسىگە يېتىش نىشانى − مەكتەپلەر ئارىسىدىكى قاتتىق، يۇمشاق ماتېرىيال پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاتا - ئانىلارنىڭ مەكتەپ تاللاش ئېڭىنى سۇسلىتىپ، «مەكتەپ بولسىلا ئوقۇش» ئېڭىنى «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش» ئېڭىغا ئۆزگەرتىش.
2 - سوئال: تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى باھالاش ئۆلچىمى بارمۇ؟
مۇخبىر: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى باھالاشنىڭ قانداق ئۆلچىمى بار؟
ليۇ جيەن: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش يىغىنچاقلىغاندا «بىر ئۆلچەم، بەش قاتتىق كۆرسەتكۈچ، ئۈچ تۈرلۈك باھالاش مەزمۇنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«بىر ئۆلچەم»: رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بارلىق مەكتەپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي ئۆلچىمى»گە يېتىشى كېرەك.
«بەش قاتتىق كۆرسەتكۈچ»: 1. مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەردە شۇ يىلى زور بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ھادىسىلىرى يۈز بەرمىگەن بولۇشى كېرەك؛ 2. ناھىيە(شەھەر، رايون)مالىيەسىدىن مائارىپقا ئاجرىتىلغان چىقىم نىسبىتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بېكىتكەن ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇشى كېرەك؛ 3. پائال تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپ بىناسى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى پىلانى بويىچە D دەرىجىلىك خەتەرلىك سىنىپلارنى ئۆزگەرتكەن بولۇشى كېرەك؛ 4. ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تاماملىشى، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشى كېرەك؛ 5. يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار تولۇقلىنىشى، شەھەر، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىلغان ھەم نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك. بەش قاتتىق كۆرسەتكۈچ ئىچىدە بىرى ئۆلچەمگە يەتمىسە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.
«ئۈچ تۈرلۈك باھالاش مەزمۇنى»: بىرىنچى، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭ سەۋىيەنى باھالاش. ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ بىناسى، ئەسلىھە ۋە كىتاب قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق ناھىيە تەۋەلىكىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرق كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاپ چىقىش؛ ئىككىنچى، تەڭپۇڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى باھالاش. رايون، ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، ناھىيەلىك، رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاش؛ ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش. ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش مەركىزىگە ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلىپ، سوئال چىقىرىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەردە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاتا - ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ۋەكىللەردىن تەكلىپ - پىكىر ئېلىش، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتا - ئانىلارنىڭ نىسبىتى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار نىسبىتىنىڭ %50ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
3 - سوئال: تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
مۇخبىر: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ ئۈچ يىلدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قايسى تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
ليۇ جيەن: ئۈرۈمچى شەھىرى 2010 - يىلى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، 1 - قەدەمدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇتۇشتا كۈچلۈك ۋە ئاجىز 152 مەكتەپنى ئۆزئارا چېتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، كۈچلۈك مەكتەپلەر بىلەن ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىدا ئوچۇق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. شەھەر رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياردىمىدە، يېزىلاردىكى مەكتەپلەردە ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەش كۆرۈنەرلىك بولدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئاكتىپلىقىمۇ كۈچەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى نەچچە يىلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، مىللىي - خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇشتا ئاجىز مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىندى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش جەھەتتىمۇ يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك مەكتەپلەرگە ئېتىبار بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە داڭلىق سىنىپ مەسئۇللىرى ئىشخانىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش، تەربىيەلەش رولىنى ئوينىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلتۇر مائارىپقا 4 مىليارد 977 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ يىل سېلىنىدىغان مەبلەغ 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. بۇ يىل يەنە «شەھەر مەركىزىي رايونىدىكى ئەلا بايلىقنى شىمالغا كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) يېڭى مەكتەپ رايونى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇش خىزمىتى باشلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن رايون، ناھىيەلەر شەھەر رايونىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى يېڭىدىن مەكتەپ سېلىشقا زاپاس ئورۇن بېكىتىدۇ.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ يىل يەتتە رايون، بىر ناھىيە ئىچىدىكى بەش رايوندا مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ، ئىككى رايوندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، 2016 - يىلىغا بارغاندا، ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ھېچبولمىغاندا رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى مەكتەپتىن بىرى بار بولىدۇ.
4 - سوئال: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قانداق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟
مۇخبىر: ئۈرۈمچى شەھىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر قايسى؟
ليۇ جيەن: بۇ نەچچە يىلدا شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىنىڭ نوپۇسى جىددىي كۆپەيدى، كۆچمە نوپۇس كۆپلەپ كىردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچمە نوپۇسلار ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشكەن بولۇپ، مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇش، شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. ھازىر، شەھەردىكى مەكتەپلەر بىلەن يېزىلاردىكى مەكتەپلەر قاتتىق ماتېرىيال، ئەسلىھە جەھەتتە ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ، ئاساسلىقى ئوقۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى جەھەتتىكى پەرق بولۇپ، بۇ، مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ بولماقتا. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان بولۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، مەكتەپلەر بىلەن شەھەر، يېزىلار ئارىسىدىكى بېكىنمىچىلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر.
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى