ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە - پەن ۋە مائارىپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتە بۈگۈنكىلەر ئەجىر قىلسا، كېيىنكىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ(1)

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 09 - ئاينىڭ 25- كۈنى 04:54 مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

    − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇننى زىيارەت

    مۇخبىر: سىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرى، شۇنداقلا «قوش تىل» مائارىپى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ شاھىتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە قانداق قارايسىز؟

    جاۋاب: ياخشىمۇسىز! ئالدى بىلەن سىزگە ئوخشاش تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن!

    پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، «قوش تىل» مائارىپى سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشتى. بىراق، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى خىزمىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا خېلىلا زور پەرق بار، بولۇپمۇ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق ۋە دۆلەت ئورتاق تىل يېزىق سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەملىكەتكە يۈزلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، «قوش تىل» ئوقۇتۇشى سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا كۆلەم ناھايىتى كىچىك بولۇپ، 2000 - يىلى «قوش تىل» سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار پەقەت 4000 ئەتراپىدىلا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى تېخى ئىزدىنىش باسقۇچىدا ئىدى. 2004 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «قوش تىل» ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى چىقارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2010 - يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. 2102 - يىلى 9 - ئايغىچە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «قوش تىل» سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 1 مىليون 678 مىڭ 600گە يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %66.61ىنى ئىگىلەپ، 2008 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %110.40 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بويىچە «قوش تىل» مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي يەسلى بالىلىرى 455 مىڭغا يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %65.51ىنى ئىگىلەپ، 2008 - يىلىدىكىدىن %117 ئاشتى؛ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «قوش تىل» مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 1 مىليون 223 مىڭ 600گە يېتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %59.33ىنى ئىگىلەپ، 2008 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %213.7 ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن «قوش تىل» سىنىپلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە سۈپىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، مەيلى ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. 2012 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىمۇ ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن «قوش تىل» سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى، خەنزۇ تىلى ۋە ماتىماتىكا ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنىڭ ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭكىدىن ياخشى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانا تىلدا ئوقۇتۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئانا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلدى. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىمەن، خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىمۇ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە ئوخشاشلا يىلدىن - يىلغا ئۆسۈۋاتىدۇ.

    مۇخبىر: ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ باقسىڭىز بولامدۇ؟

    جاۋاب: جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مول ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ئانا تىل شۇ مىللەت كىشىلىرى ۋە توپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، راۋاجلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، دۆلەت پائال قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، يەنە چوقۇم مائارىپ ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ۋارسلىق قىلدۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بىراق، بىر مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بېكىنمە ھالەتتە تەرەققىي قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، بولۇپمۇ ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىۋاتقان ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەر تەرەققىي قىلىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، زامانىۋىي مەدەنىي جەمئىيەتكە ياخشى ئۆزلىشىمىز دەيدىكەن، جەزمەن ئۆز مىللىي تىل - يېزىقى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقىنى ۋە ئاساسىي ئېقىمدىكى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. شۇڭا، دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇشنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يەردە بىز ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ «قوش تىل» مائارىپى ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بار. بىراق «قوش تىل» مائارىپى ئۇقۇمى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلارنى يىغىنچاقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتساق، مېنىڭچە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇش - ئوقۇتۇشىدا، مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئۆز مىللىي تىل - يېزىقىدا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئاپتونوم رايون نېمىشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، كۆپ يىللىق نەزەرىيەۋى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئەمەلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلاپ بەردى:

    بىرىنچى، «قوش تىل» مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەلىم - تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز تىلىنىمۇ خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا پايدىلىق. «قوش تىل» ئۆگىنىش، «قوش تىل» ئىگىلەش، «قوش تىل» ئىشلىتىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى كېڭەيتكىلى، تىل مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغىلى، تېخمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنگىلى، ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن پايدىلانغىلى، نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىپ، ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنى كېڭەيتكىلى، بىلىمىمىزنى موللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    ئىككىنچى، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىچكىرىلەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئونمىڭلىغان يۇقىرى ساپالىق، ئۆز تىلىنىمۇ - خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە قۇرغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق. ئەمما، كۈنسېرى ئىلگىرىلەۋاتقان يۇقىرى پەن - تېخنىكا، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدار، ئاپتوماتلىشىش، سانائەتلىشىش مۇھىتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشى − ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقىغا پىششىق بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا، «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەردىن زور تۈركۈمدىكى ئۆز تىلىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش شەك - شۈبھىسىزكى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ گۈزەل ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم يول ۋە ئاساسىي شەرت.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە