-
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نېلسون ئېلان قىلغان 8-ئايلىق ئامېرىكا ئىزدەش ماتورى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفىت Bing ئىزدەش ماتورى ( MSN/Windows Live/Bing قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم ياخۇدىن ئۆتۈپ ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ قالغان.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفىت Bingئىزدەش ماتۇرى ئىشلىتىلىش نىسبىتى %13.9 بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندىكى Yahoo( %13.1 ) دىن ئېشىپ كەتكەن. Yahoo نىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، Bing نىڭ ئىشلىتىلىشى مۇقىم ئاشقان.Google بولسا %65.1 لىك ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئالدىنقى يىلى 7-ئايدىكى Yahoo بىلەن Microsoftنىڭ ئىزدەش ماتورى ھەمكارلىقىغا ئاساسەن، Bing بولسا Yahoo تورىدىكى ئىزدەش سۇپىسى، Yahoo بولسا ئىككى شىركەتنىڭ ئالىي ئىزدەش ماتۇرى ئېلانىغا خاس ۋاكالەتچى بولغان.
ئالدىنقى ئايدا، Yahoo ئامېرىكا، كانادادا فىلىم، رەسىم، تور بەت ئىزدەش مۇلازىمىتىدە ئاللىقاچان مىكروسوفىت Bing ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان.مەنبە: شىنخۇا تورى
收藏到:Del.icio.us