• يانفۇن JAVA ئۇيغۇرچە ئوقۇغۇچ تارقىتىلدى

    2009-05-23

    تۈرى:يانفون

    JAVA قوللايدىغان يانفۇندا ئۇيغۇرچە txt ھۆججىتىنى ئوقۇش دىتالى تارقىتىلدى


    تېلىفۇنى ئەقلى تېلىفۇن بولغانلار ھازىر تېلىفۇنىغا ھەرخىل دىتاللارنى بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە دىتاللارنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى كۈرۈپ بىزدەك ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇنى بولمىغانلارنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭسىز دۇنيامۇ؟ بىزدەك ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇنى بولمىغانلار زادى ئاشۇ ناچار تېلىفۇنىمىزدا ئۇيغۇرچە ئەسەر ئۇقۇيالمامدۇق؟ ياق، ئوقۇيالايمىز.
    ئالدىنقى قېتىم:«JAVA قوللايدىغان يانفۇندا ئۇيغۇرچە ئوقۇغۇچ تارقىتىلماقچى» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۇ خەۋەرنىڭ نەتىجىسى چىقتى.

    بۇ دىتالنى بىر دوستىمىز ياساپ پۈتتۈرۈپتىكەن، ئاخىرى تارقىتىپ بولدى. شۇڭا ئاشۇ دوستىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مۇنۇ خەۋەرنى بەردۇق.
    خەۋەر تارقاتقۇچى تور بەت ئىلقۇت تورى.

    بۇ كىتاب بۇ ئوقۇغۇچ ئارقىلىق يانفۇندا ئۇيغۇرچە  txt فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇغىلى بولىدىكەن. پەقەت سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىز JAVA قوللايدىغان يانفۇنلا بولسا سىز بىمالال ھالدا ئۇيغۇرچە txt ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.

    بۇ ئوقۇغۇچنىڭ ئىسمى: ئاق ئالما يانفۇن كىتاب ئوقۇغۇچى

    قوللايدىغان ھۆججەت فورماتى: *.txt

    بۇ كىتاب ئوقۇغۇچنى چۈشۈرۈڭ:

    چۈشۈرۈش مەنبە1

    چۈشۈرۈش مەنبە 2

    بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىچىدىكى .jar  ھۆججىتىنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

    تەمىنلەنگەن ھۆججەت بولىقى ئىچىدە 70 كە يېقىن txt فورماتىدىكى كىتابلار بار.

    بۇ دىتال سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلسە شۇ بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز.

    مەزكۇر دىتالغا نىسبەتەن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان QQ توپى: 57144923

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ يازما پۈتۈنلەي دىتال ياسىغۇچى دوستىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلدى، شۇڭا بۇ يازمىغا قارىتا ھەرقانداق پىكىر تەلەپ بولسا بىۋاستە توپقا قېتىلىپ ئەسلى دىتال ياسىغۇچى بىلەن ئالقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

    http://hatire.googlecode.com/files/AkAlmaReader.rar

    مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر





    ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئىنتىل سەيناسى

    ئەسكەرتىش : مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى مۇشۇ بىلوگ يازغۇچىسى ئەمەسى ، پايدىلىق ئۇچۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ، كۆپرەك دوسلار كۆرسۇن ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈلدى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    بىرقىسىم خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئائىلە تاماقلىنىمۇ ئىتەلمەسلىك ،لىكن ئۈگىنىش ئارزۇسى بار ئۈگىنىش مۇھىتى كەم ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر تائاملىرى مەخسۇس بىلوگى تەسس قىلىغاندىم
    بلوگىڭىز ئۇيغۇر تائاملىرى بلوگىنىڭ ئۇلىنىش تۈرىگە قېتىلدى.
    http://uytaam.blogbus.com
    قوللاش يۈزىسىدىن بلوگىڭىزدا ئۇيغۇر تائاملىرى بلوگىنى تۇغلۇق ئۇلىنىش قىلىپ قوشۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
    تۇغ ئادرىس: http://uytaam.blogbus.com/files/12425773130.gif
    ئېلانلىرىڭىز چېكىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن .

ئۇيغۇر ئۆرلە بىلوگى  
======
======
QQ نومۇرى  :80715372
Email : insaf@126.com