-
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنۋېرسىتىدا NASA دا قىلىۋاتقان تەتقىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي دوكلات بەردى
2009-05-02
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنۋېرسىتىدا NASA دا قىلىۋاتقان تەتقىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي دوكلات بەردى
ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلېسكوپنى يەر شارىدىكى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ تەڭشەشتە ئەھمىيەتلىك رول ئوينايدىغان بىر تېخنىك كەشپىياتى NASA نىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ تېخنىك كەشپىيات ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى سىرلارنى ئېچىشتىكى قەدىمىنى تىزلىتىشكە، مارس كەبىي يەرشارىدىن كۆپ ئۇزاق بولغان پلانتلاردىكى ئالەم تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى تېخىمۇ مۇۋاپەقىيەتلىك ئىلىپ بىرىشىغا ناھايتى زور ياردىمى بولىدۇ. ئالىم بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇچۇرلارنى تۈركىيىدىكى زىيارىتى ۋە ئىلمىي دوكلاتى جەريانىدا ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىسقىچە يەتكۈزگەن ئىدى. بىز ئالىمنىڭ ئەھمىيەتلىك ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، ئىلمىي پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمىز، ھەربىر ئۇيغۇر ياشنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇق ئىنسانلىرىمىزنى ئۆلگە قىلىپ، شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىشىغا ئاللاھتىن ئىلھام ۋە كۈچ قۇۋۋەت تىلەيمىز. تۈۋەندىكى ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە فىلىمدىن، ئالمنىڭ تۈركىيىدىكى ئىلمىي دۇكلاتىنىڭ تەپسىلاتىنى كۈرەلەيسىز.
ئېنگىلىزچە
ئۇيغۇرچە
كۆرىمەنتۈۋەندە سۆيۈملۈك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى خانىمى ئامانگۈل بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدە
ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن ئىستانبول ئاتا تۈرۈك ئايرىدۇرمىداىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدىكى تارىخى ئەسەرلەرنى زىيارەت قىلماقتا
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئۇنۋېرسىتى ۋە ئىستانبۇل تىخنىك ئۇنۋېرسىتىدە ئىلمىي دوكلات بەردى
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنۋېرسىتىدىكى ئىلمىي دوكلاتتىن كېيىن بۇ مەكتەپتىكى ئېلىم-پەن خادىملىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى
ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنۋېرسىتىدىكى ئۇستازلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپنىڭ مۇھىم تەجرىبىخانىلىرنى زىيارەت قىلدۇردى
ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدىكى تارىخى ئەسەرلەرنى زىيارەت قىلدى
ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىر ئائىلە زىيارىتىدە كۆپچىلىككە دۇتتار چىلىپ بەردى
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ھازىر شۇغۇللىنۋاتقان تەتقىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە رەسىم
مەنبە: مەرىپەت تۇرى
历史上的今天:
10 نەپەر داڭقى چىقمىغان پەن - تېخنىكا ئاتىسى 2009-05-02خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قول يازما خېتى 2009-05-02
收藏到:Del.icio.us
评论