-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ياخشىمۇسىلەر ؟ ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
blogger ئېچىلمىغىلى خېلى كۈنلەر بولدى ھېچبىر خەۋەر يوق ، بىلوگسپوتنى توختىتىپ قويۇشتىن ئىلگىرى youtube نىمۇ جۇڭگۇ ، جۇڭگودا ئېچىلماس قىلىۋەتكەندى . مەنمۇ بلوگسپوتتىن بىر بىلوگ ئېلىپ يازما يازغانتىم ، ئېچلماس بولۇپ قالغاندا بەك ئىچىم پۇشقانتى ، ئەمما ئامال يوق ، باشقا بىلوگگېر دوسلارنىڭمۇ ئىچى پۇشقاندۇ ھەقاچان.
مۇشۇ سەۋەپتىن مەن خېلى ۋاقىت بىلوگسپوتتا يازغان بىلوگىمنى ئېچىش ئۈچۈن ئىزدەندىم ، نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بىر تور بىكەت ئۇچرىغانتى مۇشۇنداق ئېچىلمىغان بەتلەرنى ئاچىدىغان ، ئاشۇنى سىناپ باقتىم ئەمما ئۇ بولمايدىكەن ، blogger.com نى ئاچساق ئېچىلىدىكەن ئەمما ئىسىم ،شىفىرنى بېسىپ كىرمەكچى بولسا كىرمەيدىكەن ، تاپالمايدىكەن ، شۇنىڭغا ماس مەلۇم بىلوگنى ئاچسا ئېچىلىدىكەن ئامما خالىغان تىمىنى باسسا ئېچىلمايدىكەن .
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك ھازىر بىر تور بەت ئۇچراپ قالدى ئۇبەت ئارقىلىق ھەممە بىكەتلەرنى ئاچقىلى بولىدىكەن ، تىمىلارنى كۆرگىلى ، بىلوگگېر ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ يازما يوللىغىلىمۇ بولىدىكەن ، بىلوگگرېدىن بىلوگ يازغان دوسلارنى كۆزدە تۇرۇپ بۇنى ھازىرلا يېزىۋەتكۈم كېلىپ يازدىم ، ئاستىدىكى ئادرىسنى بېسىپ كىرپڭ ئاندىن ئاستىدىكى ئادرىس يازىدىغان يەرگە سىز كىرمەكچى بولغان ئادرىسنى يېزىپ ئوڭدىكى Enter نى باسسىڭىز بۇرۇن كىرەلمىگەن بەتلەرگە بىمالال كىرەلەيسىز .
收藏到:Del.icio.us
评论
مەھەللەمنى ياسىيالمايۋاتىمەن ياردەم قىلاسىزمۇ...؟