• ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ۋەيران..

    2009-06-09


    ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇشىنىڭ پايدىسى ۋە  زىيىنى  
    ئامرىكا ھەممىباپ شىركىتى باش شىتابى   
     

      ئامېرىكىدىكى 100 يىللىق تارىخى بار، ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسى ––– ‹‹ھەممىباب››ئاپتوموبىل شىركىتى سوتنىڭ سىرتىدا قايتا تەشكىللىنىشى سۇغا چىلاشقاندىن كېيىن، 1 – ئىيۇن ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇندى. بۇ ئىش ئاپتوموبىل ساھەسىدىكىلەر ھەم ئىقتىساد ۋە قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە ھېچقانچە تەسىر قىلمىدى. بەزى تەھلىلچىلەر: ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇش يولىنى تاللىغانلىقى ئۇنى تېزدىن قايتا تەشكىللەشكە پايدىلىق، بىراق بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى   
       
      ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ئۆتكەن يىل 12 – ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن بۇيان، سېتىشنى ئازايتىش، ماركا سېتىش، زاۋۇتنى تاقاش، خادىم قىسقارتىش، ساتقۇچى سودىگەرلىرىنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئەمما ھەقدارلار، ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى قاتارلىق مەنپەئەتدارلار يول قويۇشنى رەت قىلىپ، سوتنىڭ سىرتىدا قايتا تەشكىللىنىشكە ئىمكان بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ۋە ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىگە ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇشتىن ئىبارەت بىرلا ئامال قالدى، مۇشۇنداق بېسىم ئالدىدا ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنپەئەتدارلار خېلىلا يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. 
      
     
      ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىدىكى باشقۇرغۇچىلار 1 – ئىيۇن ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ كەلگۈسىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بىراق ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇش كارخانا ۋە ھۆكۈمەتكە ھەقىقەتەن بەلگىلىك سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. 
     
     
       بىرىنچىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى ۋە ئىشەنچىنى ساقلاپ قېلىش ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ئۈچۈن ھازىر تاقابىل تۇرۇش ئەڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ۋە ‹‹CHRYSLER›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن بۇيان، ئىككى شىركەتتە ياسالغان ئاپتوموبىللارنىڭ بازىرى كاساتلاشتى. ئوباما ھۆكۈمىتى گەرچە ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قوغداش مەزگىلىدە ئىككى شىركەتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تەلتۆكۈس تۈگىتەلمىدى.
     
     
       ئىككىنچىدىن، ‹‹CHRYSLER›› ئاپتوموبىل شىركىتىدىن كېيىن، ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ۋەيران قىلىپ قوغداش  ئىلتىماسى سۇنغانلىقى ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار كەسىپلەرگە زەربە بولدى. ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنسا، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى بىلەن مەبلەغ ھالقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، تەمىنلەش، سېتىش سودىگەرلىرى تېخىمۇ ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرايدۇ. دېترويىتتىكى ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىدا 250 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچى بار، ئەگەر زاپچاس بىلەن تەمىنلەش، تىجارەت، سېتىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇنىڭ تەسىرىدە 1 مىليون 500 مىڭدىن 2 مىليون 500 مىڭچە كىشى ئىشسىز قالىدۇ، بۇ، ھالسىراپ قالغان ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۈچۈن ‹‹ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك›› بولىدۇ.  
     

      ئۈچىنچىدىن، ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇش  كارخانىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ‹‹شىپالىق دورا›› ئەمەس، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ زور بەدەل تۆلەپ ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنى قايتا تەشكىللىشىمۇ خەۋپ – خەتەردىن مۇستەسنا ئەمەس. ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنغان كارخانىلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى يېرىم يىلدىن كېيىن قەرز تۆلەش ئۈچۈن پۈتۈن ‹‹تەئەللۇقات››ىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئوبامانىڭ ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنى  قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 50 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشىغا، بىرىنچىدىن، سايلام مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولغانلىقى، ئىككىنچىدىن، ‹‹ھەممىباب››نىڭ تەرتىپسىز ۋەيران بولۇشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى سەۋەب بولغان.  
       
       شۈبھىسىزكى، ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇش ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قايتا نىجاتلىققا ئېرىشىشىدىكى بىردىنبىر يول، شۇنداقلا شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى بىردىن بىر تاللىشى.
    ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە مەرھەمەت

    收藏到:Del.icio.us




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن .

ئۇيغۇر ئۆرلە بىلوگى  
======
======
QQ نومۇرى  :80715372
Email : insaf@126.com