-
شىنخۇا تورى 12-ئىيۇن خەۋىرى: ئىراننىڭ 10–نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى شۇ جاي ۋاقتى 12–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە باشلىنىدۇ . سايلام نەتىجىسى سايلامدىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ .
ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، سايلام ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن بارلىق سايلام پائالىيەتلىرى پىلان بويىچە توختىتىلىدىكەن . چوڭ سايلامنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئاساسىي قانۇننى قوغداش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئابباسنىڭ 10–ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە ، چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئىراننىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە يېشىل رەڭنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، سايلام بېلىتىنى سېتىش–سېتىۋېلىش ، سايلىغۇچى پۇقرالار ۋە سايلىغۇچى ئەمەلدارلاغا تەھدىت سېلىش ، ھاقارەتلەش ، ساختا ئىسپات كۆرسىتىپ بېلەت تاشلاش ، رۇخسەتسىز ئاۋاز بېلىتىنى ئاشكارىلاش ، كۆپ قىېتىم تەكرار بېلەت تاشلاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدىكەن .
收藏到:Del.icio.us