-
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مانجۇ تىلىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى
2009-02-22
تۈرى:پايدىلىنىش خەۋەرلىرى
ب د ت مانجۇ تىلىغا جىددى ئۇقتۇرۇش چىقاردى
2009-يىلى ئىنسانلار تارىخىدىكى تۈنجى خەۋپ ئاستىدا قالغان تىللار خەرىتىسى پەيدا بولدى.بۇ خەرىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى تۈزگەن بولۇپ، دۇنيادىكى يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان 2500دىن ئارتۇق تىل تارقالغان رايۇنلار كۆرسىتىلگەن.
بۇ تىللار ئۇچرىغان خەۋپ 5خىل رەڭ بىلەن بەش دەرىجىگە ئايرىلغان.
كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مانجۇ تىلىنى يوقىلىپ كىتىش خەۋپى ئەڭ ئېغىر تىل قاتارىغا كىرگۈزگەن. مانجۇ مىللىتى جۇڭگودىكى 3-چوڭ مىللەت بولۇپ، 10مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسى بار.چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن مانجۇلار ئىچكىرگە كىرىپ خەنزۇلار بىلەن توي قىلغان.مانجۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن خەنزۇ تىلىنى ئوموميۈزلۈك ئۈگەنگەن، دەسلىۋىدىكى مانجۇ-خەنزۇ قوش تىلىدىن كېيىن بىراقلا خەنزۇ تىلى ئىشلىتىشكە ئۆتكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا خىيلۇڭجياڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىدىكى ئاز بىر قىسىم مانجۇلار مانجۇ تىلىنى بىلگەندىن سىرت باشقا مانجۇلار ئومومەن ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ خەنزۇچە قوللانغان. ھازىر ھەر 100مىڭ كىشى ئىچىدە تەخمىنەن بىر كىشى مانجۇ تىلى بىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مانجۇ تىلىنى يوقۇلۇش خەۋپى ئەڭ ئېغىر تىل قاتارىغا كىرگۈزدى ئەمەلىيەتتە مانجۇ تىلى يوقۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرماقتا.
مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەربىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى مەيلى ئۇ ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولسۇن چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك،تىل-يېزىق مەدەنىيىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ،بۇخىل كۆپ تەرەپلىمىلىك پىرىنسىپى ھازىرقى زاماندا ئادىمىيىلىكنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا،ھەربىر شىۋىمۇ قوغدىلىشى كېرەك،بىز چوقۇم شىۋىلەرنى قوغدىشىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق مىللى تىل-يېزىقنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
تىلنى قانداق قىلغاندا قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ؟
1 ،ھۆكۈمەت خەتەرلىك تىللارنى قوغداشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.مەسىلەن:ئىبرانى تىلى تارىخقا ئۆلگەن ئىدى، ئەمما ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوموميۈزلۈك ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئىبرانى تىلى ھازىر قايتا تېرىلدى.
2 ،تىلنىڭ ئۇيقۇ دەۋرى بولىدۇ. تارىختا بەزى تىللار ئۇيقۇ دەۋرىنى باشتىن كۈچۈرگەن. قارىماققا بىرخىل تىل ئۆلگەن بولسىمۇ ھەمدە بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارسىدا يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ خىل تىل ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەن بولىدۇ. مەسىلەن:ئاۋىستىرالىيەدە بىرخىل تىل بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا يوقاپ كەتكەن، لىكىن جەمىيەتنىڭ پائال تىرىشىشى بىلەن بۇ تىل قايتا تېرىلگەن،دىمەك تىلنىڭ مەلۇم ئۇيقۇ دەۋرى بولىدۇ، شۇڭا تىلنى قايتا گۈللەندرۈشتىن بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ.
3 ،تىلنى خەتەردىن ساقلاشنىڭ ئەڭ موھىم ئۇسۇلى گۈدەكلەر تەربىيىسى.گۈدەكلەر تەربىيىسى تىل تەربىيىسىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي شۇنداقلا ئەڭ موھىم فۇنكىتسىيىسى بولۇپ،تىلنىڭ كۆپخىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا چوقۇم ھۆرمەت قىلىش كېرەك. 1، يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى چوقۇم بىر تىلنىلا ئىشلىتىشكە زورلىماسلىق،كۆپ خىل تىل تەربىيىسىنى يەسلى تەربىيىسىدىن باشلاش كېرەك.2،يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئانا تىلى بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论