-
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار
تولۇقسىز مەلۇماتلارغا كۆرە ھازىر سەئۇدىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان جوڭگۇ موھاجىرى 150 مىڭدىن 180 مىڭغىچە بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە %90 دىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلار بولۇپ نوپۇسى تەخمىنەن 130 مىڭدىن-150 مىڭغىچە.
سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن پورىت شەھرى جىددە،مەككە،مەدىنە قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان.تايىف،پايتەخت رىياد شەھرىدىمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى بۇنىڭدىن 70-80 يىللار ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەن بولۇپ،ھازىر 4-ئەۋلاد بولغان.ئۇلار سەئۇدىغا يەر تىرىش،قۇرۇلۇش،يىمەك ئىچمەك،تۆمۈرچىلىك،ياغاچچىلىق،موزدۇزلۇق تېخنىكىللىرىنى ئىلىپ كەلگەچكە ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدىلىقلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشكەن.ۋە سەئۇدىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان.بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھەج قىلىش سەۋەبى بىلەن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار،ياكى سودا ئىشلىرى بىلەن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار بولۇپ كۆپ قىسىمى سەئۇدى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.ئاز بىر قىسىملارنىڭ قولىدا «تەيۋەن»پاسفورتى بار.
سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ موتلەق كۆپ قىسىمى باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ،2-،3، 4-ئەۋلات ئۇيغۇر موھاجىلارنىڭ كۆپ قىسىمى سەئۇدى ياكى ياۋروپا،ئامرىكىلاردا ئالىي مائارىپ تەربىيسى ئالغان بولۇپ مەدەنيەت سەۋيىسى ناھايىتى يۇقىرى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىللىرى ئاتا-ئانىللىرىنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ خەلقئارا سودا ،ئۆي مۆلۈك،يەر-زىمىن،يىمەك-ئىچمەك،ۋە ساياھەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بەزىللىرى ھۆكۈمەت،مائارىپ،پۇل-موئامىلە،بانكا،سەھيە،ئۆي-مۆلۈك،يەر-زىمىن،خەۋەرلىشىش،ئاۋئاتسىيە،قاتناش،ئايرىپورىت قاتارلىق ئورۇنلاردا ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلەيدۇ. يەنە بەزىللىرى سەئۇدى ھۆكۈمىتگە ۋاكالىتەن ئىسلام كىڭىشى،ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردا يۇقۇرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلاردىن يەنە داڭلىق يازغۇچى،ئۇنۋىرىستىت مودىرى،بانكا باشلىغى،ژۇرنال موھەرىرى قاتارلىقلار چىققان.
سەئۇدىدىكى ئۇيغۇر موھاجىرلىرى يەنە دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ،كۆپلىگەن موھاجىرلار دىيارىمىزنىڭ يول-كۆۋرۈك،مائارىپ ئىشلىرىغا خالىس ياردەملەرنى كۆرسەتكەن.
سەئۇدىدا ئاياغ پادىشاھى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەمىن ئابدۇغوپۇر سەئۇدى جوڭگۇ سودا موناسىۋەتلىرىنى ئاچقۇچى ۋە بەرپا قىلغۇچى بولۇپ كۆپ قىتىم سەئۇدى سودا ئۆمىكى تەركىۋىدە گواڭجۇ يەرمەنكىسى،ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان.سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە جوڭگۇ-سەئۇدى سودىسىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى بولۇپ قالدى.
جىددە شەھەرلىك تاكسى شىركىتىنىڭ خوجايىنى مىجىت دوكتۇر ( ئەسلى ئاتۇشتىن) ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرمۇ شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ ،كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىللىرى ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۈگەتكەن. خوددى بۇ دوكتۇرغا ئوخشاش نورغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز ئاناتىلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان.ئۇنى سۆزلەشنى پەخرلىك ئىش دەپ قاراپ كەلگەنم?نب?سى مانا ب? ي?رد? م?رھ?م?ت
收藏到:Del.icio.us
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار
Blog:ئىمپىراتور بىلوگى2009-05-10 17:25:53سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار
Blog:يىڭىلىقلار بىلوگى2009-05-02 03:08:02
评论