-
موتورولا شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان سۇ كىرمەيدىغان Android ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇن Defy
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېلىفۇن بازىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ، موتورولا شىركىتى سۇ كىرمەيدىغان Android ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇن Defy نى بازارغا سالغان، ھەم داڭلىق پىروگرامما The Oprah Winfrey Show دا ئېلان بەرگەن.
Defy نىڭ 3.7 دىيوملۇق ئېكىرانىWVGA سېزىمچان، بەش مىليۇن پېكسىللىق تېلىكامىرا، ھەم موتورولانىڭ Motoblur ئېكىران كۆرۈنۈشى بار. Defy نۆۋەتتە T-Mobile سېتىلغان.
بۇ تىلفۇن DNLA ئۇلاشنى قوللايدۇ، ئىشلەتكۈچى تىلفۇندىكى ماتىرياللارنى DNLA قوللايدىغان PC، يوقىرى ئېنىقلىقتىكى تىلىۋىزور، ئۇيۇنچۇق ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇلىيالايدىكەن. سۇدىن، چاڭ-توزاندىن قورقمايدىغان بۇ تىلفۇنغا يەنە ئىككى مىكروفۇن ئورنىتىلغان ۋە شاۋقۇن يوقىتىش تېخنېكىسى قوللىنىلغان.مەنبە:شىنخۇا تورى
收藏到:Del.icio.us