مەن ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھەقىقەتەن كۆيىمەن. ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشتە خېلى ياخشى ئاساس ھازىرلىدىم دەپ ئويلايمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشتىكى يېڭى ئۇسۇللارنى يولۇققان مەسىلىلەرنى ئورتاقلاشساق چوقۇم تېخىمۇ جىق نەرسە ئۆگىنەلەيمىز.
ئېلخەت: bakhtiyar108@gmail.com
خو
مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم ! مەن ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باققان، ئەمما كۆنەلمەي Win7غا قايتىۋالغان ئىدىم. بلوگىڭىزنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسىڭىز مەن Ubuntuغا قايتىپ داۋاملىق سۇئال سوراپ سىزنى زىرىكتۈرۋېتىمەن. چىدامسىز
رەھمەت، ئەلۋەتتە چاتاق يوق. نېمە ئىش بولسا ئورتاق ھەل قىلىمىز. بىر يىلدىن بېرى سەبۇرى لىنۇكس گۇرۇپپىسىدا ئىدىم. ئەمدى wp كۆچۈۋالدىم. خۇدايىم بۇيرۇسا تاقالمايدۇ.
قېنى ئەمىسە بىللە ئىزدىنىپ باقايلى ! سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
بولىدۇ، ئالاقە قىلىپ تورايلى.
ubuntuنى WMغا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەنمۇ تۇنجى قېتىم ئۇبۇنتۇنى مەۋھۇم كومپۇتېرغا قاچىلاپ سىنىغان. بىراق 3D ئۇستەل يۈزى قاتارلىق ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئاچالمايسىز. ئەسلىي ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىڭىز بىلەن ھەمبەھىر قىلىشمۇ بىرقەدەر قىيىن. بىراق سىناپ ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
سالام دوستۇم، كېچىنىڭ ياقى ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ تەڭشەپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزىۋېتىپتىمەن. بەزى ئىقتىدارلىرنى توردىن ۋە بلوگىڭىزدىن ئىزدەپ يۈرۈپ يامان ئەمەس تەڭشىۋالدىم. رەھمەت سىزگە.
بىكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم.
1. CSSھۆجىتىڭىزدىكى Microsoft Uighur ئالدىدا Ukij tuz tom ئارقىدا كېلىپتۇ. بولسا بۇ ئىكىسىنى ئالماشتۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. چۈنكى بۇنداق قىلىپ قويسىڭىز مەندەك ئەلكاتىپ خەت نۇسقىسى قاچىلمىغانلارنى قىيناپ قۇيىدىكەندسىز، خەت بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە بىلەن ئۇيغۇرچە تەڭ ئەمەس.
2. بىر ھۆججەت ئىچىدىكى فونتلارنى بىر بۇيرۇق بىلەن Ubuntuدىكى فونتلار تىزىملىكىگە يۆتكەش تۇنۇشتۇرۇلغان يازمىڭىزدىكى بىرىنجى قۇردىكى كود ئىشلىمىدى. تەكشۈرۈپ باقسىڭىز.