يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى:14-04-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئاماننىساخان

 يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە، تارىخ كىتابىدىكى پاكىت ئاساسىدا، مېغىزلىق بايان بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئاماننىساخان، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئابىدە تۆھپە.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دېگىنىمىز، ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە، ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مىلادىيە 16-ئەسىرگە كەلگەندە، مۇقامشۇناس ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ۋە ئالىم قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى يۈرۈش ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭ ۋە ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرا شېئىردىن تەركىپ تاپقان بىباھا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېيتىلىدۇ.
ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق بۈيۈك ئەمگەكلەردىكى يېگانە تۆھپىسى توغرىسىدا، خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن باشقا، 19-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئالىم ئىسمەتۇللاھ نىئمەتۇللاھ مۆئجىزىي 1855-يىلى يازغان ئىناۋەتلىك تەزكىرە ئەسىرى «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» (مۇزىكانتلار تەرجىمىھاللىرى)دا مۇنداق قىممەتلىك بايانلار بار:
«(مۇسىقا فەنىنىڭ) ئون يەتىنجى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خانىم ئەردى. بۇ خانىم سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ زەۋجەلەرى ئەردى. شائىرەئى يىگانەئى دەۋران ئەردى. ‹دىۋانى نەفىسىي› ئاتلىغ شىرىن بىر كىتابنى تەسنىف قىلىپ ئەردىلەر. ھەم خەتتاتلىقدا ئۇستادگۈل ئەردى. ھەم مۇسىقا فەنىدە ئانداغ ساھىبى كەمال ئەردىكىم، سۇلتان بۇ مەلىكەگە ئاشىقى بىقەرار ۋە شەيدايى شىفتەلىقتە بىئىختىيار ئەردى. سۇلتان بۇ مەلىكەنى ئەقدىغە كىرگۈزۈش ۋاقىئەسى ئانداغدۇركىم، سۇلتان ۋۇزەرا، ئۇمەرا، لەشكەرلەرى بىلەن پايىتەخت ياركەنددىن ئاتلانىپ، تارەم دەرياسىنى بويلاپ، تەرك مەكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندىلەر. بىر نەچە گۈن ئاندا بولدىلار. كەچەسى سۇلتان دەھقانچە سادە ئەسكى كىيىملەرنى كىيىپ، قونۇچى مۇسافىر سۈرەتىدە بولۇپ، سەھرا ياقالارىداكى ئۆيلەردە غەرىبانە قونار ۋە بۇ رەۋش بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىييەلەرغە زۇلم-سىتەم قىلغان ئىشلەرىنى تەھقىقلەر ئادەتى ئەردى. ۋاقتىكى، سۇلتان مەزكۇر رەۋشلەرىچە بىر خەرابە ئۆيگە قونۇچى سۈرەتىدە بولۇپ، ئەكرەم نام بىر مەھرەمى بىلەن كىردى. ئول ئۆي مەھمۇد ئاتلىق بىر ئوتانچىنىڭ ئۆيى ئەردى. بۇ مەلىكە شۇل مەھمۇدنىڭ ئاجىزەسى ئەردى. سۇلتان قارايدۇركى، بۇ ئۆينىڭ بۇرجەكىدە بىر تەنبۇر بار ئەردى. سۇلتان مەھمۇددىن سوردىكى، تەنبۇرنى چالىپ بەرگەي. ئول ئايدىكى: ‹مەن تەنبۇر چالىشنى بىلمەسمەن. ئۇشبۇ قىزىمىز ماڭا تەنبۇر ئالىپ بەرىڭ دەپ خەفا قىلىپ ئالدۇردى. قىزىم چالىدۇر› دەپ ئەردى، سۇلتان: ‹قىزىڭىز چالىپ بەرسۇن› دەدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمرى قىلدى. قىز تەنبۇرنى كەلتۈرۈپ، پەنجگاھ مۇقامىغا ئانداغ چالدىكىم، سۇلتان ھەيران قالدى. تۇرفەراق بۇكىم، قىز ئۆزى ئايتقان بۇ شىئرنى مۇقامغا قوشۇپ ئوقۇپ ئەردىكىم، سۇلتان بۇ قىزنىڭ مۇھەببەتىدە ئاشىقى بىقەرار ۋە بىھۇش بولۇپ كەتتى. شىئرى بۇ ئەردىكى، مەتلەئ:
ساڭا يۈز شۈكۈر يا رەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر-مىسكىنغە سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ.
ئۇشبۇ غەزەلنىڭ مەقتەئى بۇ نەۋئ باغلانىپ ئەردىكىم، مەقتەئ:
كەچەيۇ گۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقەددۇسغا،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ.
غەزەل تەمام بولغاندا، سۇلتان ئالدىراپ سورادىكى: ‹نەفىسىي دەگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى قايەردىن ئۆرگۈنۈپ ئەردىڭىز؟› دەگەچ، قىز: ‹كىشىنىڭ غەزەلىنىمۇ ياد ئالىپ ئوقۇمدىكەن كىشى؟ مەن نەۋائىي، فۇزۇلىي ۋە زەلىلىينىڭ شىئرلەرىدىن ئۆزگەنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ. ‹نەفىسىي› مەنىڭ تەخەللۇسۇم› دەدى. نەچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سوردى. ئاتاسى: ‹ئون ئۈچ ياشقا كىردى› دەدى. سۇلتاننىڭ يانا ھەيرەتى ئارتدى. ئاڭاغاچە ئاماننىسا خانىم قوفۇپ ئۆزى پۈتكەن بىر قانچە ئەبياتلارنى كۆرسەتتى. خەتىنىڭ ھۆسنى قىزنىڭ ھۆسنى بىلەن بەھس قىلار ئەردى. پادىشاھ بۇ خەتنى بۆيلە كىچىك نارەسىدە پۈتكەنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي: ‹قەنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، شىئر پۈتۈپ باقىڭ› دەگەچ، قىز دۈۋەت، قەلەم، كاغەز كەلتۈرۈپ، بۇ بەيتنى پۈتۈدى: مەتلەئ:
يا رەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇئى زەن ماڭا،
گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا.
سۇلتان كۈلدى: ‹ئىشەندىم، مەنى ھەجۋ قىلماسىلا› دەدى. مەھرەمى بىلەن تاشقارى چىقىپ: ‹بىز ھەلە كەلسەك› دەپ، لەشكەرگاھغا بارىپ، ۋەزىر، ئەمىرلەرغە كۆرگەن ۋاقىئەنى بەيان قىلدى. باشلارىغا تاج، ئۈستلەرىغە دەۋاج يافتى. دەرھال ئون قوي، شايە-ئەتلەس مۇھەييا قىلىپ، تۈن ھەسسەدە، قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە بارىپ، مەقسەدنى بەيان قىلىپ، پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ، قىزنى نىكاھىغا ئالدىلار. يىگىرمە يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. بۇ قىزغا خۇدايىتەئالا ئانداغ ئەقل-فەراسەت ئەتا قىلىپ ئەردىكى، تەئرىفدىن مۇستەغنىدۇر. ‹دىۋانى نەفىسىي›نى تەسنىف قىلدى. ‹ئەخلاقى جەمىلە› ئاتلىق بىر كىتابكىم، مەزلۇملارغا نەسىھەتدۇر، تەسنىف قىلدى. ‹شۇرۇھۇل قۇلۇب› ئاتلىغ بىر رىسالە تەسنىف قىلدى. شائىرلىق، مۇغەننىيلىك، خەتتەتلىق توغراسىدا بۇنىڭدەك مۇفىد كىتاب ئازدۇر. ‹ئىشرەت ئەنگىز› ناملىغ بىر مۇقام ھەم بۇ مەلىكەنىڭ ئىختىرائاتلارى ئەردى. سۇلتان كەمالى غەيرەت يۈزىدىن ئۆز ئاتىغا نىسبەت بەرىپ مۇغەننىيلەرغە ئۆرگەتتىلەر. بۇ مەلىكە ئوتۇز تۆرت ياشلارىدا، تۇغۇتدا ئالەمدىن كەتتى دەپدۇرلار.» (ئېلىندى: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» قوليازما، 34-35-36-بەتلەر،) (يېشىمى: ‹مۇزىكا پېنىنىڭ› ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خانىم ئىدى. بۇ خانىم سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ خوتۇنى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ، «دىۋانى نەفىسىي» ناملىق ئېسىل بىر كىتابنى يازغان ئىدى. خەتتاتلىقتا ماھىر ئۇستاز ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇقەدەر يۇقىرى كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئابدۇررەشىدخان شۇ ۋەجدىن ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز مەپتۇن بولغان ئىدى. سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش جەريانى مۇنداق بولغان: سۇلتان بىر كۈنى، ئۆز ۋەزىر، قوماندان ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخت ياركەنددىن ئاتلىنىپ، تارەم (ئاسمان، پەلەك) دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان چۆلىگە ئوۋغا چىقىدۇ ۋە بىر نەچچە كۈن شۇ يەردە ئوۋ ئوۋلاپ يۈرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا، سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددە كىيىملەرنى كىيىپ، قونۇچى مۇساپىر قىياپىتىدە بولۇپ، سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىۋانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن، ئەمەلدارلارنىڭ پۇقرالارغا زۇلۇم-سىتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى، سۇلتان ‹ئەكرەم › ئىسىملىك بىر قوغدىغۇچىسى بىلەن بىللە، بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى قىياپىتىدە كىرىپ كېلىدۇ. بۇ ئۆي ‹مەھمۇد› ئىسىملىك بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى. بۇ مەلىكە بولسا، مۇشۇ مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ ئىچىگە كۆز سېلىپ قارىسا، ئۆينىڭ بۇرجىكىدە بىر تەمبۇر تۇرۇپتۇ. شۇڭا، مەھمۇدتىن تەنبۇر چېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار