يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە(2)

يوللانغان ۋاقتى:14-04-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
مەھمۇد: مەن تەنبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن. ماۋۇ قىزىم ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بېرىڭ دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، ئۇنى قىزىم

مەھمۇد: ‹مەن تەنبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن. ماۋۇ قىزىم ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بېرىڭ› دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، ئۇنى قىزىم چالىدۇ دېدى. سۇلتان: ‹ئۇنداق بولسا، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن› دېدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى. قىز تەنبۇرنى ئېلىپ كېلىپ، پەنجگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران-ھەس قالدى. بولۇپمۇ، قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇۋىدى، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. قىز يازغان ئۇ شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى ‹يېشىمى›:
ئى ئاللاھ، ساڭا مىڭ رەھمەت! بىزگە ئادىل پادىشاھ بەردىڭ،
پېقىر-مىسكىنلەرگە ئابدۇررەشىدخاننى باشپانا قىلدىڭ.
بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغان ئىدى (يېشىمى):
ئەي نەفىسىي، مۇقەددەس ئاللاھغا كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىن سەن،
ئەگەر شاھىڭ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ قاتتىق گۇناھ قىلغان بولىسەن.
غەزەل تامام بولۇشىغىلا سۇلتان ئالدىراپ سورىدى: ‹نەفىسىي دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟›. قىز: ‹خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن كىشى؟ مەن نەۋائىي، فۇزۇلىي ۋە زەلىلىيلەرنىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ، نەفىسىي مېنىڭ تەخەللۇسۇم› دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: ‹ئون ئۈچ ياشقا كىردى› دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە، ئاماننىسا خانىم قوپۇپ، ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچىلىك كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: ‹قېنى، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ› دېگەنىدى، قىز دۈۋەت، قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ، مۇنۇ بېيتنى يازدى (يېشىمى):
ئى ئاللاھ، بۇ بەندە ماڭا ئەجەبمۇ گۇمان كۆزىدە قارىدى،
بۇ ئۆيدە بۇ ئاخشام مەن ئۈچۈن گويا بىر تىكەن ئۈندى.
سۇلتان كۈلۈپ: ‹ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلمىسىلا› دېدى ۋە قوغدىغۇچىسى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: ‹بىز ھېلى كېلىمىز› دەپ كېتىپ قالدى.
سۇلتان لەشكەرگاھىغا بېرىپ، ۋەزىر ۋە قوماندانلىرىغا باياتىن بولغان ۋەقەنى بايان قىلىپ بەردى. بېشىغا شاھلىق تاجىنى تاقاپ، ئۈستبېشىغا دەۋاج كىيدى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى-ئەتلەسلەر تەييارلاندى. تۈن يېرىمىدا، قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، توي قىلىپ، قىزنى نىكاھىغا ئالدى.
بۇ مەلىكە يىگىرمە يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. ئاللاھۇتەئالا بۇ قىزغا شۇ قەدەر يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانكەنكى، تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ‹دىۋانى نەفىسىي›نى تۈزدى. خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ‹ئەخلاقى جەمىلە› (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتاب يازدى. يەنە ‹شۇرۇھۇل قۇلۇب› (قەلبلەر شەرھلىرى) ناملىق بىر خاس ئەسەر يازدىكى، شائىرلىق، مۇزىكانتلىق ۋە خەتتاتلىق سەنئىتىگە دائىر بۇنىڭدەك ئېسىل كىتاب ئاز ئۇچرايدۇ. ‹ئىشرەتەنگىز› ناملىق بىر مۇقامنىمۇ مۇشۇ مەلىكە ئىجاد قىلغان ئىدى. كۈچلۈك رەشىك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ، مۇزىكانتلارغا ئۆگەتكەن. بۇ مەلىكە ئوتتۇز تۆرت يېشىدا، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن، دېيىلدۇ.)
مېنىڭچە، يۇقىرىقى بايانلار بىزگە ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق بىر نەچچە بىلگە-ئېنىق چۈشەنچە بېرىدۇ:
بىرىنچى. ئاماننىساخان دولان دىيارىدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر مەھمۇدنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكلىكىدىنلا مۇزىكىغا ھېرىسمەن، ئەدەبىيات-سەنئەتنى قىزغىن سۆيۈدىغان، مۇزىكا چالىدىغان ۋە شېئىر يازىدىغان تالانتلىق قىز ئىدى. ئون ئۈچ يېشىغىچە ئائىلە مائارىپىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ، «نەفىسىي» تەخەللۇسلۇق شائىرە ۋە مۇزىكانت بولۇپ يېتىلگەن.
ئىككىنچى. ئاماننىساخان ياركەند سەئىدىييە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى ئابدۇررەشىدخانغا ياتلىق قىلىنىپ، خانىش (خاننىڭ ئەشى، يەنى پادىشاھنىڭ خوتۇنى) بولغان. سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ ھوزۇرىدا، قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلىگەن، مۇكەممەللەشتۈرگەن، ھەتتا ئۆزى «ئىشرەتەنگىز» (ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى، ياشامنى روھلاندۇرغۇچى) ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ، مۇقامشۇناسلىققا بىۋاسىتە تۆھپە قوشقان.
ئۈچىنچى. ئاماننىساخان نەفىسىي يالغۇز «دىۋانى نەفىسىي»نى يازغان شائىرە ۋە «ئىشرەتەنگىز» ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان مۇزىكانتلا ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلۈپ، يىغىسى ئۈچۈن يىغلىغان جامائەت ئەربابى، مىللەتنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بۈيۈك ھەسسە قوشقان يېتىك ئالىمە ئىدىكى، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدا «ئەخلاقى جەمىيلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھى) ناملىق ئەخلاقشۇناسلىق ھەققىدىكى ھىدايەتكار ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى دەلىلەيدۇ.
بىز تۆھپىكار ئەجداد ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى باش بەلگە بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى ئۈچۈن قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرىنى ئىپتىخار ۋە شۈكرانىلىرىمىز بىلەن ئەسكە ئالغان ۋە خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش يولى بىلەن يېتىلگەن بىر ئالىمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز، بەلكى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆرنەك ئىنسانلىقىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن تىلغا ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. شەكسىزكى، بۈگۈنكى مەدەنىي رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان دەۋرىدە، بۇ تېخمۇ نەق ۋە تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەلۋەتتە.
2012-يىل، 13-سنتەبىر، بېيجىڭ.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار