2010-04-27
قۇتۇلۇش - [نادىر شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62718232.html
قۇتۇلۇش
قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز ،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا جانىمىز .
قان كىچىپ ھەم جان بىرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سىنى ،
قەلبىمىزدە قۇتقۇزۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز .
يارىئى ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىمىتىمىز سەن ئۈچۈن ،
دۇنيانى سورىغان ئىدى ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەجدادىمىز.
يۇرتىمىز بىز يۈز - كۆزۈڭنى قان بىرلە پاكىزلىدۇق ،
ئەمدى ھېچ كىرلەتمىگەيمىز چۈنكى تۈركتۇر نامىمىز .
ئاتىللا ، چىڭگىز ، تۆمۈر دۇنيانى تىتىرەتكەن ئىدى ،
قان بىرىپ نام ئالىمىز بىز ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بىز .
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان دۈشمەندىن بولدى ئەل ئامان ،
ياشىسۇن ھېچ ئۆچمىسۇن پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز.
مەرغىلانلىق تۇرغۇنجان ئابدۇرېھىم ئوغلى تولۇئىي
1933- يىلى
يۈرەكتە داغى مىللەت باشدەدۇر ئىقبال سوداسى
قىيامەت بولغۇچە چىقماس مۇنىڭ دەردۇ- ئەلالاسى
ۋەتەننىڭ ئىززىتى، شانى ئۈچۈن جان ئىچرە يالقۇن بار
چىقار شامۇ- سەھەر ھەسرەت ئىچرە ئوتلۇق ئەنفاسى
جاھاندا ھەر كىشىنىڭ بىر غەمۇ -مەتلۇبى بارئىرمىش
ۋەتەن ئۇششاقىنىڭ مىللەت ئىرۇر مەئشۇقۇ-لەيلاسى
توسالماس ھېچ يولدىن ئىشىق ئوتىغا مۇپتىلالارنى
بۇ دۇنيا غەملىرى ، مېھنەتلىرى ھەم تاغۇ دەرياسى
مۇھەببەت بىرلە مىللەت تۇيغۇسى گەر دىلغە ئورناشسە
كىفايەت ئاڭا باش ئەگمەك ئۈچۈن ۋىجدان قومانداسى
ئەسىر ئەيلەپ كۆڭۈلنى جىلۋەسىگە بىقارار ئېتمىش
ۋەتەننىڭ ئىززەتۇ -ئىقبالى ، شانى ، رەنگى ،زىباسى
بەلەنىد ھىممەت يىگىتلەر زىننەتى مىللەتكە خىزمەتتۇر
ئەمەستۇر مۇئتەبەر ۋىجدان قاشىدا رويى ،سىماسى
ئەگەر ئىنسان ئىسەڭ ھىممەت بىلەن يۇرتۇڭغا خىزمەت قىل
مۇھەببەت پىشە قىل كۈلسۈن ۋەتەننىڭ باغۇ -سەھراسى
كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئوت چۈشسە مىللەت ئىشتىياقىدە
فىغان ئەيلەر ھەمىشە ھىجر ئوتىدا روھى شەيداسى
يىتشمەك ۋەسلە شەۋقىي ياشەرەف بىرلەن فەنا بولماق
ۋەزىيفە ئۇشبۇدۇر ھەركىمگە قىلسا ئىشىقنى دەئىۋاسى
قۇتلۇق شەۋقىي
随机文章:
收藏到:Del.icio.us
评论