-
دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى - [خەلقئارا خەۋەرلەر] 2008-05-02
يېقىندا ، كورىيە Konkuk ئۇنىۋېرسىتېتى 18ياشلىق ئامېرىكىلىق قىز ئەيلىيا سابېرنى ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە تولۇق ۋەزىپىلىك پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلغان . ئەيلىيانىڭ نيۇيوركتا خېلى بۇرۇنلا نامى چىققان بولۇپ ، ئۇ 10 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن ، 14 يېشىدا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان ، كەينىدىنلا ئۇ يەنە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان . ئەيلىيا مايدا كورىيىگە بېرىپ خىزمەتكە چۈشىدىكەن .جېننىس دۇنيا رېكورتى باش شىتابىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، 18 ياشلىق ئەيلىيا 300 يىللىق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى›› بولۇپ قالغان .
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
收藏到:Del.icio.us
<< گىگانت ئانا ۋە گىگانت بوۋاق | باش بەت | "دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ھازىرقى ئامېرىكا ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى" >>
评论