-
گىگانت ئانا ۋە گىگانت بوۋاق - [خەلقئارا خەۋەرلەر] 2008-05-02
ھىندىستانلىق سىۋېتلانا سىنگىرنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.18 مېتىر بولۇپ ، ھىندىستاندىكى ئەڭ ئېگىز ئايال دەپ نام ئالغان . كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇنىڭ ئەمدى تېخى 10 ئايلىق بولغان ئوغلى كالاننىڭ بوي ئېگىزلىكىمۇ بىر مېتىرغا يەتكەن بولۇپ ، ئېغىرلىقى 22 كىلوگرام كېلىدىكەن . سىنگىرنىڭ ئېيتىشىچە ، كالاننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى بەدەن ئۇزۇنلۇقى 66 سانتېمىتىر بولۇپ ، ئىككى ياشلىق بالىلار بىلەن تەڭ تۇرغان . ھازىر 10ئايلىق كالان بەش ياشلىق بالىلارنىڭ كىيىمىنى كىيىدىكەن . سىىنگىر ئوغلىنىڭ چوڭ بولغاندا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئادەم بولۇشىنى ، شۇنداقلا ئامېرىكىغا بېرىپ ۋاسكىتبول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن .
收藏到:Del.icio.us